باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«كوللېكتىپ ئورمىنىنى كېسىشنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر» ئېلان قىلىندى

2014.05.12 19:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «كوللېكتىپ ئورمىنىنى كېسىشنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» دە ئورمان كېسىش كۆرسەتكۈچىنى تەقسىملەشنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئورمان كېسىشنى تەستىقلاش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئورمان كېسىش مەشغۇلاتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئورمان كېسىشنى باشقۇرۇش ۋە ئىلمىي تىجارەت قىلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى.

  مەملىكىتىمىزدە كوللېكتىپ ئورمانلىقىنىڭ كۆلىمى ئورمانلىق كۆلىمىنىڭ %60 ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ ئورمان بايلىقىنىڭ مۇھىم تەركبىي قىسمى، شۇنداقلا ئېكولگىيە ئورمانچىلىقى ۋە خەلق تۇرمۇشى ئورمانچىلىقىنىڭ مۇھىم بازىسى. پىكىردە مۇنداق دېيىلدى: كوللېكتىپ ئورمىنىغا يىللىق ئورمان ئىشلەپچىقىرىش پىلانى تۈزۈلمەيدۇ ۋە چۈشۈرۈلمەيدۇ، بەلكى كېسىشكە چەك قويۇش بىرلىككە كەلگەن تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچى قىلىنىدۇ. كېسىش كۆرسەتكۈچى تەقسىماتى ۋاقتىدا ئاشكارىلىنىدۇ، كۆرسەتكۈچنى تۇتۇپ قېلىش، ئېلىپ-سېتىش قەتئىي چەكلىنىدۇ. شارائىتى يار بەرگەن جايلار، كېسىش كۆرسەتكۈچىنى كەنتلەرگە، ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىقتىسادىي ئورمانلىق، ئوتۇن ئورمانلىقى، بامبۇكزارلىق ھەمدە ئورمانلىقتىن باشقا جايلاردىكى دەل-دەرەخلەرنى ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلار ئۆزلىرى لايىھەلەيدۇ، ئورماننى كېسىش يېشى ۋە ئۇسۇلىنى ئۆزلىرى بەلگىلەيدۇ.

  پىكىردە مۇنۇلار ئېنىق بېكىتىلدى: جايلار ئورمان كېسىش مەشغۇلاتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىشى كېرەك. ئورمان كېسىش مەشغۇلاتىنى ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلار ئۆزلىرى باشقۇرۇشى، ئۆزئۆزىنى چەكلەشنى ئاساس قىلىشى لازىم.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار نۇقتىلىق ياغاچ تەكشۈرۈش پونكىتلىرى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھازىر بار بولغان ياغاچ تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قوشىۋېتىپ، ياغاچ پونكىتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قېلىپلاشتۇرۇشى؛ ئىسپاتلىق توشۇش دائىرىسىنى خالىغانچە كېڭەيتىش، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى توشۇشنى دائىرىدىن ھالقىپ تەكشۈرۈش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش، قالايمىقان ھەق ئېلىشنى قەتئىي چەكلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر