باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

43-نۆۋەتلىك دۇنيا ئېلان يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2014.05.12 19:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ 9-ماي بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 43-نۆۋەتلىك دۇنيا ئېلان يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە دۇنيادا ئېلان كەسپىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى پۇرسەت ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، جۇڭگو ۋە چەتئەللەردىكى ئېلان كەسپى ساھەسىدىكىلەرنىڭ بۇ مۇنبەردىن پايدىلىنىپ، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئېلان كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بۇ قېتىمقى يىغىننى خەلقئارا ئېلان جەمئىيىتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن جۇڭگو دۆلەتلىك سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى باش بولۇپ ئۆتكۈزدى، 40 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 1400 دىن ئارتۇق ۋەكىل يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر