- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


گوۋۇيۈەن دەسمايە بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش پىكرىنى ئېلان قىلدى
2014.05.12 19:10 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گوۋۇيۈەن يېقىندا «دەسمايە بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى چىقىرىپ، بۇندىن كېيىنكى خېلى ئۇزاق مەزگىلدىكى دەسمايە بازىرىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدىكى يېتەكچى ئىدىيە، تۈپ پىرىنسىپ، ئاساسلىق ۋەزىپە ھەم كونكرېت تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى، 2020-يىلىغىچە، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ئىقتىدارى مۇكەممەل، قېلىپى ئېنىق، پۇختا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئېچىۋېتىشچان، سىغدۇرۇشچان بولغان كۆپ قاتلاملىق دەسمايە بازىرى سىستېمىسىنى ئاساسەن شەكىللەندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ پىكىردە توققۇز جەھەتتىن دەسمايە بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە كونكرېت ۋەزىپىلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر