باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار ئاتموسفېرا بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش، تۈزەش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپى بەردى

2014.04.28 08:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش كومىتېتى 26-ئاپرېل ئاتموسفېرا بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش، تۈزەش ئەھۋالى ھەققىدىكى ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش، تۈزەش قانۇنىغا تېزدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، يېڭىدىن تۈزىتىلگەن مۇھىت ئاسراش قانۇنى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، جازالاش سالمىقىنى زورايتىپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا بولغان ھەيۋىنى كۈچەيتىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش، تۈزەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.

  ئېلىمىز ھازىر يولغا قويۇۋاتقان ئاتموسفېرا بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش، تۈزەش قانۇنى 1987-يىلى تۈزۈلگەن، 1995-يىلى، 2000-يىلى ئىككى قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن. ئاتموسفېرا بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش، تۈزەش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق قانۇن چىقىرىش پىلانىغا كىرگۈزۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر