- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بىرىنچى پەسىلدە 74 شەھەر ھاۋاسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى %53.1 بولدى
2014.04.28 08:17 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى يېقىندا بۇ يىل 3-ئاي ۋە 1-پەسىلدىكى بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى ھەم مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ئۆلكە مەركىزى، ئايرىم پىلان يولغا قويۇلىدىغان شەھەر قاتارلىق 74 شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى، 3-ئايدا، بۇ 74 شەھەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆلچەمگە يەتكەن كۈن سانى نىسبىتى %62.3 بولدى. ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن كۈن سانى ئىچىدە، ئۆپكىگە كىرىدىغان دانىچىلەرنى ئاساس قىلغان بۇلغىمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۈن سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن كۈن سانىنىڭ %75.8 نى ئىگىلىدى.
بۇ يىلنىڭ 1-پەسلىدىكى نۇقتىلىق رايونلار ۋە 74 شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى ھەر تەرەپلىمە تەھلىل قىلىشقا قارىغاندا، 1-پەسىلدە، 74 شەھەرنىڭ ئۆلچەمگە يەتكەن كۈن سانى نىسبىتىنىڭ دائىرىسى %3.3 تىن %97.3 كىچە بولۇپ، ئوتتۇرىچە %53.1 بولغان، بۇ-ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5.1 پوئېنت يۇقىرى بولغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر