- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكىلىق بىر ساياھەتچى چاۋشيەندىن پاناھلىق تىلىدى
2014.04.28 08:22 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
چاۋشيەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما 25-ئاپرېل كورىيەدە زىيارەتتە بولغان كۈنى ئامېرىكىلىق بىر ساياھەتچىنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى جاكارلىدى.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكىلىق 24 ياشلىق ماسېۋ مىللېر 10-ئاپرېل ساياھەت ۋىزىسى بىلەن چاۋشيەنگە كىرگەن، ئەمما چاۋشيەن چېگرا ئەمەلدارىنىڭ ئالدىدا ۋىزىسىنى يىرتىۋېتىپ، چاۋشيەندىن پاناھلىق تىلەيمەن، دەپ توۋلىغان، شۇنىڭ بىلەن تۇتۇپ قېلىنغان ھەمدە تەكشۈرۈلگەن.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى پۇساجى بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دېدى: بىز ئالاقىدار خەۋەرلەرگە دىققەت قىلدۇق، شۇنداقلا ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئەتى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمىز. بىز شىۋىتسىيەنىڭ پيۇڭياڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ تەپسىلىي ئەھۋاللارنى ئىگىلىدۇق، ھازىرغىچە ئېلان قىلغۇدەك كۆپرەك خەۋەرگە ئېرىشەلمىدۇق.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر