باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىرىنچى پەسىلدە تۆمۈريوللاردىكى يۈك توشۇش مۇقىم بولدى

2014.04.28 08:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىلنىڭ 1-پەسلىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۆمۈريوللاردا يۈك توشۇش تەكشى بولدى. تۆمۈريولنىڭ يۈك مەنبەسىنى ئۆزگەرتىشكە قارىتا، تۆمۈريول تارماقلىرى كۈندىلىك توشۇشنى تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، يۈك توشۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق ئەشيالارنى توشۇشقا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى.

  1-ئايدىن 3-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۆمۈريول ئىدارە، شىركەتلىرى ئىچىدە، تەييۈەن، شىئەن، نەننىڭ تۆمۈريول ئىدارىلىرى ھەم چىڭخەي-شىزاڭ تۆمۈريول شىركىتىنىڭ يۈك مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشتى. 1-پەسىلدە، تۆمۈريول تارماقلىرى توشۇش كۈچىدە كۆمۈر، ئاشلىق، پاختا، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرى ۋە بايراملىق ئەشيا قاتارلىق دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئەشيالىرىنى توشۇشقا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئېھتىياجىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى. 1-ئايدىن 3-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۆمۈريوللاردا 589 مىليون 110 مىڭ توننا كۆمۈر توشۇلۇپ، %0.3 ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر