باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىرىنچى پەسىلدە سۈتچىلىك يېڭى تەرەققىيات مەزگىلىگە كىردى

2014.04.28 08:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىقتىساد گېزىتى جۇڭگو ئىقتىساد كەسپى گۈللىنىش كۆرسەتكۈچى تەتقىقات مەركىزى بىلەن دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىنى تەكشۈرۈش مەركىزى بىرلىكتە تۈزگەن بۇ يىلنىڭ 1-پەسلىدىكى جۇڭگو ئىقتىساد كەسپى سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ گۈللىنىش كۆرسەتكۈچى 27-ئاپرېل ئېلان قىلىندى.

  كۆرسەتكۈچتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىلنىڭ 1-پەسلىدە، جۇڭگو ئىقتىساد كەسپى سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ گۈللىنىش كۆرسەتكۈچى 97.5 بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ 4-پەسلىدىكىدىن 0.4 پوئېنت ئۆرلىگەن. 1-پەسىلدە، سۈت مەھسۇلاتلىرى كەسپى داۋاملىق مۇقىم راۋاجلاندى، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى سىجىل ئاشتى، ئىستېمال ئېھتىياجى ياخشىلاندى، تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلىرى مۇقىم ئۆرلىدى. خام ئەشيا بازىسى قۇرۇلۇشى، كارخانا باشقۇرۇش دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىكىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولدى، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسى ئەسلىگە كەلدى، سۈت مەھسۇلاتلىرى كەسپى چۈشكۈنلۈكتىن قۇتۇلۇپ، يېڭى، ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىگە كىردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر