- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئېلېكترونلۇق سودىغا قانۇن چىقىرىش خىزمىتى باشلاندى
ئۆتكەن يىلى دۆلىتىمىزنىڭ ئېلېكترونلۇق سودا سوممىسى 10 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى
2014.03.10 18:45 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى 9-مارت «ئېلېكترونلۇق سودا ۋە تېز ئېلېكترونلۇق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش» تور سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. سودا مىنىستىرلىكى تور سودا مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ پېيدوڭ تورداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھېسابلىنىشىچە، 2013-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ ئېلېكترونلۇق تور سودىسى ئومۇمىي سوممىسى 10 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، 5 يىلدىن بۇيان 4 ھەسسە ئاشقان.
تورداشلار ئوتتۇرىغا قويغان ئېلېكترونلۇق تور سودىسىدا ئىستېمال ئالدامچىلىقى، سۈپەت ناچار بولۇشتەك مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەندە، جاڭ پېيدوڭ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: پۈتۈن كەسىپنىڭ قانۇن-تۈزۈم ۋە ئۆلچەم سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. نۆۋەتتە ئېلېكترونلۇق سودىغا قانۇن چىقىرىش خىزمىتى باشلاندى.
دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ لياڭيى سۆھبەتتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسپى تېز تەرەققىي قىلدى، سۈرئىتى ئەسلىدىكى مۆلچەردىن ئېشىپ كەتتى. 2006-يىلى پوچتا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى مەزگىلىدە، تېز يەتكۈزۈشنىڭ ھەر يىللىق كەسپ مىقتارى ئاران 1 مىليارد پارچە ئىدى، توردا مال سېتىۋېلىش كۆلىمى 50 مىليارد يۈەن ئىدى. ئۆتكەن يىلى تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ مىقتارى 9 مىليارد 200 مىليون پارچە بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە 60 پىرسەنتى توردا مال سېتىۋېلىشتىن كەلگەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر