باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنى قانداق قىلغاندا ئەمەلدىن قالدۇرغىلى بولىدۇ؟(3)

2014.01.24 10:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەنە ئالايلۇق، مېھماندارچىلىق كۈتۈۋېلىش مەسىلىسىگە نەزەر سالساق،بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى ھۆكۈمەت ئىشلىرىدىن باشقا يەنە رەھبەرلەرنىڭ تۇرمۇش كاتىپىغا ئايلىنىپ رەھبەرلەر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى بېيجىڭغا كېلىپ داۋالىنىش،پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشى قاتارلىقلارغا مۇلازىمەت قىلماقتا. بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى ھەشەمەتلىك رېستورانلار ، كۇلۇبلاردىن كېيىنكى يەنە بىر ھۆكۈمەت پۇلىغا ئىستېمال قىلىش سورۇنلىرىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. تۆت خىل ئىستىلنى تۈزىتىشتە يوچۇق قالدۇرماسلىق كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىگە قوغدىنىش رايونى تەسىس قىلماسلىق لازىم. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى تۆت خىل ئىستىلغا قارشى تۇرۇشتىكى ئۇيۇل تاش ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

  ھازىر 2-تۈركۈمدىكى ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيىسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلماقتا. بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىدىن ئىبارەت بۇ ھالقىنى قانداق تۇتۇش ئىسلاھات سالمىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى سىناق، ئىستىلنى ياخشىلاش ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشتىكى ئۆلچەم.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر