- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنى قانداق قىلغاندا ئەمەلدىن قالدۇرغىلى بولىدۇ؟(2)
2014.01.24 10:16 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ناھىيە دەرىجىلىك ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق شەھەر دەرىجىلىك ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنى تەستىقلاشقا سۇنۇش، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئۆلكە دەرىجىلىك ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنى ساقلاپ قىلىش دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دەسلەپكى ھۆججىتىدە گەۋدىلەنگەن ئىدى. شۇڭا جامائەتچىلىكنىڭ نەزىرى بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ناھىيە دەرىجىلىك ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىغا چۈشتى. بۇ ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر دەرىجىلىك ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنىڭ غەمسىز تۇرۇشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ناھىيە دەرىجىلىك ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنىڭ يەنە بىر تۈرلۈك ئېھتىياجى بولسىمۇ، ئۆلكە، شەھەر دەرىجىلىك بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنىڭ بارمۇ يوق ؟ بۇ خىل ئېھتىياجنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەنىڭ ئۆزىدىن باشقا يەنە قانداق سەۋەبلەر بار؟
ئالايلۇق، مىنىستىرلىقلارغا قاتراپ پۇل ھەل قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا نەزەرىيىچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تۈر، مەبلەغ ئېھتىياجىدىن قاتراشتىن باشقا،بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى يەنە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش يولى ئىزدەيدۇ. ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇردى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈردى. بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنىڭ پۇل ھەل قىلىش مەسىلىسىنى ئۈزۈل كېسىل ھەل قىلىشتا ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيىسىدە بۇرۇلۇش ياساش قەدىمىنى تىزلىتىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ھوقۇقنى قويۇۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، مىنىستىرلىقلارغا قاتراپ پۇل ھەل قىلىش يوچۇقىنى تۈگىتىش لازىم. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ھوقۇقنى قويۇۋېتىشنىڭ ئۆلچىمى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
ئالايلۇق، يۇقىرىغا ئەرز قىلىش ھوقۇقنى قوغداش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغىنىمىزدا، باش سېكرىتار شى جىنپىڭ مەركەز سىياسىي قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن ھوقۇقنى قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىدىن ئىبارەت بۇ بېسىمنى يېنىكلىتىشتە قانۇن تەلىپى بويىچە قىلىپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەت تەلىپىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئاممىنى ھوقۇقىغا ئادىل مۇئامىلە قىلىنغانلىق، مەنپەئەتى قوغدالغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قانۇننى مەدەنىيەتلىك ئىجرا قىلىش بىلەن قاتتىق ئىجرا قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇننى قوپال ئىجرا قىلماسلىق ، ھاۋالىلىق زوراۋانلىققا قارىتا قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش لازىم. قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، كىچىك ماجىرالارنى ئازراق ھەل قىلىش، چوڭ ماجىرالارنى قاتتىق ھەل قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك ھەمدە قانۇننىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى قوغداش، كىشىلەرنىڭ مۆلچەرىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك.بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى مەمۇرىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە بېجىرىشنى ئۆلچەيدىغان تارازا ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر