باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن ب تىپلىق مېڭە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ماقۇللاندى

2013.10.10 14:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 9-ئۆكتەبىر دۆلەتلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 9-ئۆكتەبىر يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسىگە دۆلەتلىك دورا گۇرۇھى جۇڭگو بىيو تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىگە قاراشلىق چېڭدۇ بىيو مەھسۇلات تەتقىقاتخانىسى چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ب تىپلىق مېڭە ياللۇغى زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنىسىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ۋاكسىنا ئالدىن دەلىللىشىدىن ئۆتۈپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئالدىن دەلىللەنگەن تۇنجى ۋاكسىنىسى بولۇپ قالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

  دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان ب تىپلىق مېڭە ياللۇغى زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنىسى ئالدىن دەلىللەنگەندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سېتىۋېلىش ئورگىنى بۇ مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. بۇ ۋاكسىنا ئۆزىنىڭ سۈپىتى، ئىقتىدارى، باھا ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بالىلارنى ب تىپلىق مېڭە ياللۇغىنىڭ خەتىرىدىن ساقلىشىغا كۈچلۈك ياردەم بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر