باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرەيلى

2013.10.10 00:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ـــ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ھىندونېزىيە، مالايسىيانى زىيارەت قىلغان ھەمدە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 21-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشقانلىقى ئۈستىدە توختالدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇر قانىلىنىڭ 8-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە، مالايسىيانى زىيارەت قىلدى ھەمدە ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC) نىڭ 21-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى. زىيارەت ئاخىرلاشقاندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى ئالاقىدار ئەھۋاللار ۋە زىيارەت نەتىجىسىنى تونۇشتۇردى.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى، نۆۋەتتە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى، رايونلارنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى تېز راۋاجلانماقتا، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدا مۇھىم موتور بولۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈرلۈك خىرىسقىمۇ دۇچ كەلدى. تىنچلىققا ئىنتىلىش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشقا بېرىلىش مۇشۇ رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بولۇپ قالدى. جۇڭگو ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن تەقدىرداش ۋە مەنپەئەتداش. «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تىنچ، مۇقىم، ئورتاق راۋاجلىنىدىغان ئەتراپ مۇھىتىدىن ئايرىلغىلى بولمايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان تەرەپكە قىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم دىپلوماتىيە ھەرىكىتى، ئىككى دۆلەتنى زىيارەت قىلىش، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا يۈزلىنىش، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنى كۆزدە تۇتۇشتىكى مەقسەت ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇشۇ رايوننىڭ تەرەققىياتى ۋە ئاۋاتلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش. يەتتە كۈندە، رەئىس شى جىنپىڭ 50 مەيدانغا يېقىن ئىككى تەرەپ ۋە كۆپ تەرەپ پائالىيىتىگە قاتناشتى، ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن كەڭ ئۇچراشتى، مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى، دوستلۇق، كەلگۈسى، ھەمكارلىق ئۈستىدە سۆزلەشتى. زىيارەتتە مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلدى. (دۇ شاڭزې خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى).

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر