باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>چوڭ سەھىپىلەر>>يېڭى يېپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى>>يېڭىلىقلار

شى جىنپىڭ تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوف بىلەن سۆھبەتلەشتى

2013.09.04 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-سېنتەبىر ئاشخاباتتا تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوف بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-تۈركمەنىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۇقىرى باھا بەردى، ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ھەمكارلىقىنى بىرلىكتە پىلانلىدى، جۇڭگو-تۈركمەنىستان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى قارار قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي ئاساسقا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىيدىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشى، ئىقتىساد-سودا، ئېنېرگىيە، ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىدا مول نەتىجە قولغا كەلدى، جۇڭگو تۈركمەنىستاننىڭ 1-چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلاندى. جۇڭگو تۈركمەنىستان بىلەن دوستانە ھەمكارلىق سىياسىتىنى قەتئىي يولغا قويىدۇ، تۈركمەنىستاننى مەڭگۈ ياخشى دوستى، ياخشى شېرىكى، ياخشى قېرىندىشى دەپ قارايدۇ.

  بەردىمۇھەممەدوف مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەت-جۇڭگونىڭ تۈركمەنىستاننىڭ ئىشەنچلىك شېرىكى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. تۈركمەنىستان جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە، ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى خالايدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنىڭ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈركمەنىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو- تۈركمەنىستان مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتكە كۆتۈرۈپ، ئۆز ئارا قوللاپ، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد دوست ئۆتۈشنى بىردەك قارار قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇنداق تەكلىپ بەردى: 1-قارشى تەرەپنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تېرىشچانلىقى، قارشى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللىغان تەرەققىيات يولىنى قەتئىي قوللىساق. جۇڭگو تۈركمەنىستاننىڭ مەڭگۈلۈك بىتەرەپلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇشىنى قوللايدۇ. يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت، قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى، پارتىيەلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى ساقلىساق. 2-جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى C لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، D لىنىيە قۇرۇلۇشىنى تېزدىن باشلاپ، ئامۇ دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى گازلىق ۋە گۈللىنىش گازلىقىنى ئېچىش تۈرىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ھەمكارلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىق ساھەلىرىنى كېڭەيتسەك. 3-ئىككى تەرەپلىك سودا كۆلىمى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، بايلىقتىن باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتسەك. 4-مەدەنىيەت، مائارىپ، تەنتەربىيە ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلئارىسى، بولۇپمۇ ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېرىش-كېلىشىنى كۈچەيتىپ، بۇ يىل ۋە كېلەر يىلىدىكى ئۆز ئارا مەدەنىيەت كۈنى پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزسەك. 5-قانۇن ئىجرا بىخەتەرلىكى ۋە مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ خىل كۈچ ۋە دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتلەرگە تەڭ زەربە بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ئامانلىقىنى قوغداپ، چوڭ ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ بىخەتەر يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلساق. 6-رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، سىرتقى كۈچلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئامانلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى بىرلىكتە توسۇپ، ئافغانىستانلىقلار يېتەكچى بولغان، ئافغانىستانلىقلار خوجا بولغان ئافغانىستاننىڭ تىنچ يارىشىش مۇساپىسىنى قوللاپ، بۇ رايوننىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە تۆھپە قوشساق.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى ھەققىدىكى بىرلەشمە بايانات»نى بىرلىكتە ئىمزالىدى ھەم دىپلوماتىيە، ئىقتىساد-سودا، ئېنېرگىيە، ئورمانچىلىق، مائارىپ، تەنتەربىيە، يەرلىك ھەمكارلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى نۇرغۇن ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىت بولدى.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-تۈركمەنىستان مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈش-ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىپ، تېخىمۇ پارلاق تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇقىم، ئىشەنچلىك ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىرىدىن بولۇشى كېرەك. ئىككى دۆلەت يەنە بايلىقتىن باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، بەردىمۇھەممەدوف پىرېزىدېنت مەھكىمىسىدە شى جىنپىڭنىڭ شەرىپىگە داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شۇ كۈنى، شى جىنپىڭ يەنە تۈركمەنىستاننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مەرھۇم پىرېزىدېنتى نىيازوفنىڭ خاتىرە سارىيىغا گۈلچەمبىرەك قويدى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ تۈركمەنىستان مۇستەقىللىق خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك قويدى ھەم باشلىقلار ئورمانلىقىغا دوستلۇقنىڭ سىمۋولى بولغان بىر تۈپ شەمشاد كۆچىتى تىكتى.

  ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر