- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كاززافىنىڭ 700 مىليون دوللارلىق ھەشەمەتلىك پوچتا پاراخوتى (2)
2013.03.27 13:44
4345 نەپەر پۇلدار يولۇچى ئولتۇرغان بۇ پوچتا پاراخوتى ئىلگىرى ناپلېس ، بارسېلونا، مارسېللارغىچە چارلاپ بارغان. پاراخوتتا جەمئىي تۆت سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ، 26 لىفىت ، بىر دومىلىما توپ مەيدانى ۋە 21 قاۋاق بار ئىكەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پاراخوتتا يەنە 69 ئېغىز ئۆزگىچە ‹‹سەيلە كېمىسى كۇلۇب يۈرۈشلۈك ئۆيى ›› ، سۇ كۈچى ئۇۋۇلاش كۆلچىكى ۋە ئەينەك پەردە تاملىق مەنزىرىلىك ئارام ئېلىش كارىدورى بار ئىكەن . بۇنىڭدىن سىرت ، پاراخوتتا سىگارت ، دېڭىز ئۈستى ئىتالىيەچە تائاملىرى ، ئەنئەنىۋى ئەنگىلىيەچە چۈشتىن كېيىنلىك چايدىن تارتىپ خۇسۇسىي يىغىلىشقىچە بولغان غوجىدارلىق مۇلازىمەتلىرى تەمىنلىنىدىكەن . غوجىدارلار جەمئىيىتى ساياھەتچىلەرنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدىكەن . ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 333 مېتىر كېلىدىغان بۇ پاراخوتتا ، يولۇچىلار يەنە سۇ ئۈستى خەتەرلىك تەنھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنالايدىكەن ۋە MSC تەمىنلىگەن ئالاھىدە ئۇزۇن سۇدا سىيرىلغۇچنى سىناپ باقالايدىكەن .
MSC نى مىليونېر Gianluihi Aponte قۇرغان بولۇپ ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پاراخوت شىركىتى ھېسابلىنىدۇ .
كاززافى 2011-يىلى 20-ئۆكتەبىر لىۋىيەدە ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە