مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى دەۋردىكى مائارىپ باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم

2020.12.22 17:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  مائارىپ − دۆلەتنىڭ چوڭ پىلانى، پارتىيەنىڭ چوڭ پىلانىدۇر. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا، 2035-يىلىغا بارغاندا مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، 2035-يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مەزمۇنى بېيىتىلدى. مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشتا، مائارىپ باھالاش ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا بېسىپ تارقاتقان «يېڭى دەۋردىكى مائارىپ باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي لايىھەسى» جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، دۇنياۋى سەۋىيەگە ئىگە باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  يېڭى دەۋردىكى مائارىپ باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى ئېغىر، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئالىي مەكتەپلەر ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئۈنۈمىنى تۈپ ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بەشكىلا قاراش»نى تۈگىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، مائارىپ باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپ باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش − ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى. «يېڭى دەۋردىكى مائارىپ باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى»دە مەكتەپلەرنى باھالاشقا قارىتا، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئۈنۈمىنى تۈپ ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى مەقسەت − قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ زور مەسىلىگە ياخشى جاۋاب بېرىش ئۈچۈندۇر. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بۇرچى قانچە كۆپ بولسا، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنىڭ يادرولۇق ئورنىنى شۇنچە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك؛ ئالىي مەكتەپلەرنى باھالاش ئامىلى قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، دىققەتنى ئادەم تەربىيەلەش ئۈنۈمىگە شۇنچە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەر پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بۇرچىنى باشتىن-ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتنى مەكتەپنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ جان تومۇرى قىلىشى كېرەك. بارلىق خادىملار ئادەم تەربىيەلەش، پۈتۈن جەريانلىق ئادەم تەربىيەلەش، ھەر تەرەپلىمە ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئۈنۈمىدىن ئىبارەت بۇ تۈپ ئۆلچەمنى مەكتەپ قۇرۇلۇشى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ئادەم تەربىيەلەشنى يادرو، ئەخلاق يېتىلدۈرۈشنى نېگىز قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ