مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن فىرانسىيە خەلق پارلامېنتى ئالاقە مېخانىزمىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2020.12.17 18:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 16-دېكابىر سىنلىق شەكىلدە جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن فىرانسىيە خەلق پارلامېنتى ئالاقە مېخانىزمىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. يۇقۇمنىڭ ئورتاق خىرىسى ئالدىدا، جۇڭگو-فىرانسىيە ئىككى دۆلەت خەلقى ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، سەمىمىي دوستانە بولۇش روھى بىلەن ئۆزئارا قوللاپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولدى. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ماكرون بىلەن بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلار ئۈستىدە بەش قېتىم تېلېفونلىشىپ، كۆپ تۈرلۈك مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپ «مۇستەقىل ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش» روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشى كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. 2009-يىلى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن فىرانسىيە مىللىي پارلامېنتى قەرەللىك ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى ئورناتتى. بۇ مېخانىزم سۇپىسى ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى مۇقىم، دائىملىق ئالاقىنى ساقلاپ، چوڭقۇر سۆھبەتلىشىش، ئورتاق ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇردى، جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈردى، جۇڭگو-فىرانسىيە دوستلۇقىنىڭ كۈچى ئۈزلۈكسىز زورايدى.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى فىرانسىيە مىللىي پارلامېنتى بىلەن بىرلىكتە رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ ماكروننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى قەتئىي قوغداپ، ھەرقايسى قاتلاملار سۆھبىتىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد-سودا، سېلىنما، پۇل مۇئامىلە، مۇھىت، سەھىيە، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى قانۇن چىقىرىش ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. بۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن سىن يىغىنى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت ھەرىكەتتۇر. قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپ كېلىشىمى ۋە چوڭ تۈر ھەمكارلىقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تىرىشىپ قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىقى ئۈچۈن كەڭ سۇپا ھازىرلاش كېرەك. دوستلۇق گۇرۇپپىلىرى ئارىسىدىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى بېيىتىپ ۋە كېڭەيتىپ، پەن-تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، ياشلار، ئاياللار قاتارلىق مەخسۇس ساھەلەردىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سۆزلىشىشى، ئالماشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «جۇڭگو-فىرانسىيە دوستلۇق ھېكايىلىرى»نى ياخشى سۆزلەش كېرەك. ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان خەلقئارا سىستېمىنى، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىنى ئۇل تاش قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى ئورتاق قوغداش كېرەك.

  فىرانسىيە مىللىي پارلامېنتىنىڭ باشلىقى فىران مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىرانسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم. ئىككى دۆلەتنىڭ چوڭقۇر، ئۇزاق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەت ئېلىپ كېلىدۇ. فىرانسىيە مىللىي پارلامېنتى ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قەرەللىك ئالماشتۇرۇش مىخانىزمى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، فىرانسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن جۇ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ