مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭنىڭ «دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا» دېگەن كىتابى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2020.12.17 18:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن يولداش شى جىنپىڭنىڭ «دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا» دېگەن كىتابى يېقىندا مەركىزىي ھۆججەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  بۇ مەخسۇس تېمىدىكى ماقالىلەر توپلىمىغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدىكى 54 پارچە مۇھىم ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ماقالىلەر تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىيەت ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدا بىر قاتار زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا تارىخىي ئۆزگىرىش، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىدە زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. يولداش شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنى چۆرىدەپ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئېلان قىلىپ، يېڭى دەۋردە نېمە ئۈچۈن دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولغا قويۇلىدۇ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قانداق يولغا قويۇلىدۇ؟ قاتارلىق بىر قاتار زور مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ مەزمۇنى مول، بايانى چوڭقۇر، لوگىكىسى پۇختا، سىستېمىسى مۇكەممەل بولۇپ، ماركسىزملىق قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ مىزانى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ «دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا» دېگەن كىتابىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ