مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

دەۋر مەسئۇلىيىتىنى تەڭ ئۈستىمىزگە ئېلىپ، يەر شارىنىڭ تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرەيلى

2020.12.16 19:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 16-دېكابىر نەشردىن چىققان 24-سانىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «دەۋر مەسئۇلىيىتىنى تەڭ ئۈستىمىزگە ئېلىپ، يەر شارىنىڭ تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرەيلى» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشى __ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، تاۋار ۋە كاپىتالنىڭ يۆتكىلىشى، پەن-تېخنىكا ۋە مەدەنىيەتنىڭ يۈكسىلىشى، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈردى. دۇنيانى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ئاددىي ھالدا ئىقتىسادنى يەرشارىلاشتۇرۇشقا دۆڭگەپ قويۇش ئەمەلىيەتكە ھەم ئۇيغۇن كەلمەيدۇ ھەم مەسىلىنى ھەل قىلىشقا پايدىسىز. ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇش ئېلىپ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىس ئالدىدىكى توغرا تاللاش بولسا بارلىق پۇرسەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، بارلىق خىرىسلارغا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىگە ياخشى يېتەكلەشتىن ئىبارەت.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە، ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە __ دۇنيا ئىقتىسادىنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇشقا يېتەكلەش. دۇنيا ئىقتىسادى ئۇزاق مۇددەت پەسكويغا چۈشۈپ، باي-نامراتلىق پەرقى، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ پەرقى مەسىلىسى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولماقتا. بۇنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرسەك ئىقتىساد ساھەسىدىكى يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش قۇۋۋىتى يېتەرلىك بولماسلىق، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىش ئارقىدا قېلىش، يەر شارىنىڭ تەرەققىياتى تەڭپۇڭسىز بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ گەۋدىلىك زىددىيەت ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنمىدى. بىزدە ھەم مەسىلىنى تەھلىل قىلىدىغان ئەقىل-پاراسەت بولۇشى، ھەم ھەرىكەت قوللىنىدىغان جاسارەت بولۇشى كېرەك. بىرىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان ئېشىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىش؛ ئىككىنچى، تەڭكەش ھەمتۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق، تەڭ پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق ئەندىزىسى بەرپا قىلىش؛ ئۈچىنچى، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئادىل، مۇۋاپىق بولغان ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش؛ تۆتىنچى، ئادىل، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەڭپۇڭ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش لازىم.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچى __ جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا ماڭغانلىقىدا. بۇ __ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ بېكىتىلگەن يول؛ بۇ __ خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان يول؛ بۇ __ ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش يولى؛ بۇ __ ئېچىۋېتىش داۋامىدا ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەيدىغان يول. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى __ دۇنيانىڭ پۇرسىتى، جۇڭگو ئىقتىسادنى يەرشارىلاشتۇرۇشتىن نەپ ئالغۇچى، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭغا تۆھپە قوشقۇچى. جۇڭگو خەلقى باغرىنى كەڭ ئېچىپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات «تېز پويىزى»، «قولايلىق ماشىنىسى»غا ئولتۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ.

  ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ئەزەلدىن تۈز بولۇپ باقمىغان، ئىنسانلار قىيىنچىلىق بىلەن كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئالغا ئىلگىرىلىگەن. قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئۆزىدىن ئاغرىنماسلىق، باشقىلارنى ئەيىبلىمەسلىك، ئىشەنچتىن ۋاز كەچمەسلىك، مەسئۇلىيەتتىن قاچماسلىق، بەلكى قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يېڭىش كېرەك. بىز ئىشەنچكە تولۇپ، ھەرىكەتكە كېلىپ، بىرلىكتە كەلگۈسىگە قاراپ ئىلگىرىلەيلى!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ