مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۇقراۋى كارخانىلار يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى

2020.12.17 18:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەكلىپ» دېيىلىدۇ)دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، ئىقتىساد سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش لازىم»، بۇنىڭ ئۈچۈن «كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم». كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى چوڭ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى. كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كارخانا ئۈچۈن غايەت زور تەرەققىيات پۇرسىتى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ جەرياندا، پۇقراۋى كارخانىلار پۇرسەتنى تامامەن چىڭ تۇتۇپ، جاسارەتلىك-ياراملىق بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

  كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى قانداق ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، «تەكلىپ»تە ياسىمىچىلىقنىڭ سالمىقىنىڭ ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاش، كەسىپلەر بويىچە تەمىنلەش زەنجىرى ئىستراتېگىيەسىنى ياخشى لايىھەلەش ۋە دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش، كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى يارىتىش، دۆلەتنىڭ سۈپەت ئۇل ئەسلىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، رايون كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش، كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، خەلقئارا كەسىپ بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مۇھىم، زور تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  دۆلەت كارخانىلىرى بىلەن رىقابەت ۋە ھەمكارلىق داۋامىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. كەسىپ زەنجىرىنىڭ مۇھىم ئاساسى − ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىدۇر، ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنىڭ ئاساسىي ۋاسىتىسى − كارخانا زەنجىرىدۇر. كارخانا زەنجىرى − كەسىپ تەرەققىيات جەريانىدىكى يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىندىكى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئېھتىياجنىڭ ئۇلىنىشىنىڭ ئاساسىي شەرتى. كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يەنە ئىختىساسلىقلار زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، تېخنىكا زەنجىرى، ئوبوروت زەنجىرى، مۇلازىمەت زەنجىرى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئورگانىك باغلىنىش ۋە ماسلىشىشقا موھتاج. كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش − دۆلەت كارخانىلىرى، باش كارخانىلارنىڭ ياخشى باشلامچى بولۇشىغا موھتاج، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارچىلىغىلى بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلات، زاپچاس قاتارلىقلارنى باشقا كارخانىلارغا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا، پۇقراۋى كارخانىلارغا بۆلۈپ ھۆددىگە بېرىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە پىششىقلاشنى ئويلىشىش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلار، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو پۇقراۋى كارخانىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى يانداش رولچى بولۇش ئىدىيەسى ۋە روھى بىلەن، دۆلەت كارخانىلىرى بىلەن رىقابەت ۋە ھەمكارلىق جەريانىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى پائال ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ