مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ سۇرىيە زۇڭتۇڭى بەشىر بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.11.08 09:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى سۇرىيە زۇڭتۇڭى بەشىر بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سۇرىيە ئەڭ بۇرۇن يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەكلىپىنى بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 65 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - سۇرىيە مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىغا بەرداشلىق بەردى، ئىككى دۆلەت دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - سۇرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، سۇرىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو بىلەن سۇرىيەنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سۇرىيە تەرەپنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى داۋاملىق قوللايدۇ، سۇرىيەنىڭ قايتا قۇرۇش، تەرەققىياتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ. سۇرىيە تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ سۇرىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەرنىڭ سۆزلىشىشىنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ سۇرىيە تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ سۇرىيەنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. سۇرىيەنىڭ تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، مۇستەقىللىق، ئىگىلىك ھوقۇق، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش كۈرىشىدە يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا، سۇرىيە خەلقىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

  بەشىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەيمەن، بۇ، جۇڭگو خەلقىگە نىسبەتەن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى قوغداشقا غايەت زور تۆھپە قوشتى. سۇرىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى جۇڭگو تەرەپنىڭ سۇرىيەنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدىشىنى قوللىغانلىقى، تاشقى كۈچلەرنىڭ سۇرىيەنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرغانلىقى، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ. سۇرىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ سۇرىيەگە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى، سۇرىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئالاقىدار ئىدىيە، تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشنى، ئۆرنەك قىلىشنى خالايدۇ. سۇرىيە تەرەپ داۋاملىق شىنجاڭغا ئالاقىدار، شىزاڭغا ئالاقىدار، شياڭگاڭغا ئالاقىدار، كىشىلىك ھوقۇق، تەيۋەنگە ئالاقىدار، نەنخەي دېڭىزى قاتارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى قەتئىي قوللايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ