مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ 24-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەييارلىق ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاش لازىم

2021.11.08 17:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، 24-نۆۋەتلىك قىشلىق ئو ت م خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خەن جېڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 24-نۆۋەتلىك قىشلىق ئو ت م خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قىشلىق ئو ت م گە تەييارلىق كۆرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مۇسابىقە مەزگىلىدىكى ھەرىكەت قوماندانلىق سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك قوزغىتىلدى، بېيجىڭ قىشلىق ئو ت م، قىشلىق مېيىپلەر ئو ت م گە تەييارلىق كۆرۈشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق ئىشلىنىپ، ئۆز قەرەلىدە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشكە پۇختا ئاساس سېلىندى. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش نىشانىنى چۆرىدەپ «ئاددىي، بىخەتەر، قالتىس» ئۆتكۈزۈش تەلىپى بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەييارلىق ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مۇسابىقە مەزگىلىدىكى ھەرىكەت قوماندانلىق سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، زىچ ماسلىشىپ، كۈچلۈك خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، مۇسابىقە ھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە ئۇيۇشتۇرغۇچى شەھەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلىشىنى ئومۇميۈزلۈك يۇغۇرۇش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىدار ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش لايىھەسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇسابىقە بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەيدان-ساراي قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەلا سۈپەتلىك مۇسابىقە مۇلازىمىتى كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، شەھەرنىڭ ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك. خەلقئارا سىناق مۇسابىقىسىنى داۋاملىق ياخشى ئۆتكۈزۈپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئومۇمىي ئامىل سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، مۇسابىقە ۋاقتى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇشنى مۇۋاپىق ياخشى ئىشلەش كېرەك. قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، «قىلچە يول قويماسلىق» پوزىتسىيەسى بىلەن روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش ۋە مەدەنىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، چوغنى نامايان قىلىش، مەشئەل يەتكۈزۈش ۋە ئېچىلىش-يېپىلىش مۇراسىمى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك، ماس ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 24-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈن چۈنلەن، سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. 24-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ