شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىدا بېلەت تاشلاشقا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، سايلامنى پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق سايلام رايونىدا بېلەت تاشلاشقا قاتناشتى ياكى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ بېلەت تاشلىدى

2021.11.08 09:40 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ رايونلۇق ۋە يېزا - بازارلىق ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىدا سايلام بېلىتى تاشلىنىدىغان كۈن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىچېڭ رايونى جۇڭنەنخەي سايلام رايونىدىكى خۇەيرېنتاڭ بېلەت تاشلاش پونكىتىدا رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش بېلىتى تاشلاشقا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئاساسى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. دېموكراتىك سايلام، دېموكراتىك كېڭىشىش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سايلامنى پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، سايلامدىكى ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، سايلام خىزمىتىدە ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سايلام نەتىجىسىدىن خەلقنىڭ رازى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  خۇەيرېنتاڭ بېلەت تاشلاش پونكىتىدا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى، دۆلەت گېربى چۈشۈرۈلگەن قىزىل رەڭلىك بېلەت ساندۇقى دەل ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بېلەت تاشلاش خىزمىتى ئۆلچەملىك، تەرتىپلىك بولۇپ، نەق مەيدان كەيپىياتى تەنتەنىلىك، قىزغىن ئىدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ خۇەيرېنتاڭ بېلەت تاشلاش پونكىتىغا كېلىپ، سايلام ئىشلىرىغا ئالاقىدار چۈشەندۈرۈشنى تەپسىلىي ئاڭلاپ، سايلىغۇچىلىق گۇۋاھنامىسىنى خىزمەتچى خادىملارنىڭ تەكشۈرۈشىگە بېرىپ، بىر ۋاراق سايلام بېلىتىنى ئېلىپ، سايلام بېلىتى يېزىش ئورنىدا سايلام بېلىتىنى ئەستايىدىل تولدۇرغاندىن كېيىن، بېلەت ساندۇقىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تەنتەنىلىك ھالدا ئۆزىنىڭ بىر بېلىتىنى تاشلىدى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، لى كېچياڭ شىچېڭ رايونىنىڭ ۋېنجىن كوچىسى سايلام رايونىدىكى زىگۇاڭگې بېلەت تاشلاش پونكىتىدا بېلەت تاشلىدى، لى جەنشۇ شىچېڭ رايونىنىڭ جۇڭنەنخەي سايلام رايونىدىكى خەلق سارىيى بېلەت تاشلاش پونكىتىدا بېلەت تاشلىدى، ۋاڭ ياڭ شىچېڭ رايونىنىڭ جىنرۇڭ كوچىسى 2 - سايلام رايونىدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ بېلەت تاشلاش پونكىتىدا بېلەت تاشلىدى، ۋاڭ خۇنىڭ جۇڭنەنخەي سايلام رايونىدىكى خۇەيرېنتاڭ بېلەت تاشلاش پونكىتىدا بېلەت تاشلىدى، جاۋ لېجى شىچېڭ رايونىنىڭ داجۆ سايلام رايونىدىكى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنىنىڭ بېلەت تاشلاش پونكىتىدا بېلەت تاشلىدى، خەن جېڭ ۋېنجىن كوچىسى سايلام رايونىدىكى زىگۇاڭگې بېلەت تاشلاش پونكىتىدا بېلەت تاشلىدى. ۋاڭ چىشەن خىزمەتچى خادىملارغا ھاۋالە قىلىپ، جۇڭنەنخەي سايلام رايونىدىكى خۇەيرېنتاڭ بېلەت تاشلاش پونكىتىدا بېلەت تاشلىدى.

  جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ ئايرىم - ئايرىم ھالدا خىزمەتچى خادىملارغا ھاۋالە قىلىپ، جۇڭنەنخەي سايلام رايونىدىكى خۇەيرېنتاڭ بېلەت تاشلاش پونكىتىدا بېلەت تاشلىدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار ۋە رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن يولداشلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق سايلام رايونىدا بېلەت تاشلىدى ياكى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ بېلەت تاشلىدى.

  11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، بېيجىڭ شەھىرىدە جەمئىي 13 مىڭ 448 بېلەت تاشلاش پونكىتى تەسىس قىلىنىپ، ئارتۇق نامزاتلىق سايلام ئارقىلىق، يېڭى بىر نۆۋەتلىك رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىدىن 4898 كىشى، يېزا - بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىدىن 11 مىڭ 137 كىشى سايلاپ چىقىلىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ