مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى ئاردئېن بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.11.08 09:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى ئاردئېن بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، سىياسىي، تارىخ، مەدەنىيەت پەرقىدىن ھالقىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدا كۆپ تۈرلۈك «بىرىنچى»لەرنى ياراتتى. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. ئىككى تەرەپ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، «لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتنىڭ كۆزنى توسۇۋېلىشىدىن قورقماي»، ئوچۇق، كەڭ قورساق بولۇش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپ ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ يېڭى زېلاندىيە تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشقا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، يېڭى زېلاندىيە تەرەپ بىلەن ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، مۇھىت قوغداش، پاكىز ئېنېرگىيە، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، پەن - تېخنىكا، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ «رېۋى ئاللېي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياشلارنى ئالاقىنى كۈچەيتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قول تۇتۇشۇپ رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ يېڭى زېلاندىيە تەرەپنىڭ 2021 - يىل ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ساھىبخانى بولۇشىنى قوللايدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىدا پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشى، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشى، رايونلارنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  ئاردئېن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ يېڭى زېلاندىيە تەرەپنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ساھىبخانىلىق خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كېلەر ھەپتە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇش، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش، رايون ئىقتىسادىنىڭ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن توغرا ۋە ئېنىق كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئاردئېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى زېلاندىيە تەرەپكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېڭى زېلاندىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ بىرى. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى كەڭ، چوڭقۇر، ئۆزئارا تولۇقلاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ. يېڭى زېلاندىيە تەرەپ كارخانىلىرى 4 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە پائال قاتنىشىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. يېڭى زېلاندىيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە تۆھپىسىنى ئالقىشلايدۇ. يېڭى زېلاندىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، كېلەر يىلى يېڭى زېلاندىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ. يېڭى زېلاندىيە تەرەپ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ