شى جىنپىڭ مەملىكەت بويىچە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى ئىلغار نەمۇنىچىلار ۋە ئوت ئۆچۈرۈش سېپىدىكى سادىق قوغدىغۇچىلارنى تەقدىرلەش يىغىنى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

​ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

2021.11.08 23:03 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتارلىقلار بېيجىڭ خەلق سارىيىدا مەملىكەت بويىچە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى ئىلغار نەمۇنىچىلار ۋە ئوت ئۆچۈرۈش سېپىدىكى سادىق قوغدىغۇچىلارنى تەقدىرلەش يىغىنى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا مەملىكەت بويىچە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى ئىلغار نەمۇنىچىلار ۋە ئوت ئۆچۈرۈش سېپىدىكى سادىق قوغدىغۇچىلارنى تەقدىرلەش يىغىنى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەم مەملىكەت بويىچە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى كەڭ كادىرلار ۋە ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سېپىدىكى كوماندىر - جەڭچىلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەر ئارىسىغا بېرىپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ۋاڭ يۇڭ، جاۋ كېجى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى ئىلغار نەمۇنىچىلار ۋە ئوت ئۆچۈرۈش سېپىدىكى سادىق قوغدىغۇچىلارنى تەقدىرلەش يىغىنى 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ۋاڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەلەپ قىلدى: مەملىكەت بويىچە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەلىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جان - دىل بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خەلقنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى قوغداش، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، تىرىشىپ يېڭى كۈرەش مۇساپىسىدە پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش، تېخىمۇ زور شان - شەرەپ كەلتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا، مەملىكەت بويىچە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى سەككىز نەپەر 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى، 99 ئىلغار كوللېكتىپ، 190 نەپەر ئىلغار خىزمەتچى، 30 نەپەر «جۇڭگو ئوت ئۆچۈرۈش سېپىدىكى سادىق قوغدىغۇچى» ۋە 30 نەپەر 2 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى تەقدىرلەندى. جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى شىخۇەن يولى ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش پونكىتىنىڭ سىياسىي جىداۋيۈەنى جاۋ يى، سىچۇەن ئۆلكىسى لۇجوۋ شەھەرلىك جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى لى خۇاگۇي، شىزاڭ ئورمان ئوت مۇداپىئەسى باش ئەترىتى ناچۈ چوڭ ئەترىتىنىڭ چوڭ ئەترەت باشلىقى كۇڭ تېتې، دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شياۋ ۋېنرۇ، بېيجىڭ شەھىرى تيەنئەنمېن رايونى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى گۇگۇڭ ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش پونكىتىنىڭ سىياسىي جىداۋيۈەنى سەي رۇي قاتارلىق تەقدىرلەنگەن ۋەكىللەر يىغىندا سۆز قىلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ