مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

  ۋاڭ ياڭ كونگو (بىراززاۋىل) كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئېنگولو بىلەن كۆرۈشتى

2021.11.05 13:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاينىڭ 5- كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 11- ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدا سىن شەكلىدە كونگو (بىراززاۋىل) كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئېنگولو بىلەن كۆرۈشتى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-كونگونىڭ دوستلۇقى ئۇزاق ئەنئەنىۋى تارىخقا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ساسسۇ بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ ھەم تېلېفونلىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-كونگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى كونگو (بىراززاۋىل) كېڭەش پالاتاسى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-كونگو، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.ئېنگولو جۇڭگونىڭ كونگونى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەھەتلەردە قىممەتلىك قوللاش بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى: كونگو جۇڭگونىڭ مۇھىم، زور يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە داۋاملىق قەتئىي قوللىدى، كونگو (بىراززاۋىل) كېڭەش پالاتاسى جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە خەلق رايى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ.

  لى بىن، ليۇ شىنچېڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ