شى جىنپىڭ 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر بىلەن كۆرۈشتى

ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى

2021.11.08 09:44 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، ئۇلاردىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى ۋە ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي چوڭ زالىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەر ئارىسىغا بېرىپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

  ۋاڭ خۇنىڭ 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشكەنلىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەخلاق قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلەپ، بىزنىڭ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ھەقىقىي تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنى ئەخلاق قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئۈلگىلىك، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئالىيجاناب روھىنى ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتنىڭ ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىش، ئادەم تەربىيەلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەخلاق ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىلگىرىلەشكە ئىنتىلىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان ئاكتىپ كۈچنى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى، سۈن چۇنلەن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم يىغىندا تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى، خۇاڭ كۇنمىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا، 68 يولداش 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى، 254 يولداش 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش نەمۇنىچىسى، خۇبېي شۇنفېڭ تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتى جياڭخەن شۆبە بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ يۇڭ، 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كەسىپنى قەدىرلەپ ئۆزىنى بېغىشلاش نەمۇنىچىسى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى چوڭ ئەترىتىنىڭ ئالاھىدە دەرىجىلىك ئالەم ئۇچقۇچىسى جىڭ خەيپېڭ، 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كەسىپنى قەدىرلەپ ئۆزىنى بېغىشلاش نەمۇنىچىسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش - بىناكارلىق گۇرۇھى پولات قۇرۇلما چەكلىك شىركىتى خۇانەن چوڭ رايونىنىڭ باش ئىنژېنېرى لۇ جيەنشىن ھەمدە ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ