شى جىنپىڭ 4 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

​جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغدايدۇ، قەتئىي تەۋرەنمەي دۇنيا بىلەن بازار پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدۇ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولىدۇ، قەتئىي تەۋرەنمەي دۇنيانىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ دەپ تەكىتلىدى

2021.11.08 09:09 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سىنلىق شەكىلدە 4 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلى بىلەن دۇنيانى ئىللىتايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 4 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلار، يېڭى، كونا دوستلار بىلەن بىللە «بۇلۇت تېرمىنالى»دا جەم بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. جۇڭگونىڭ ئەزەلدىن گېپى گەپ، ئىشى نەتىجىلىك بولۇپ كەلدى. مەن 3 - نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە جاكارلىغان ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش تەدبىرلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىيلەشتى. جۇڭگو يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، تاشقى سودىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇلتۇر يەر شارى بويىچە مال سودىسىدا مۇسبەت ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان بىردىنبىر ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ھازىر، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى تەتۈر ئېقىمغا دۇچ كەلدى. كېمىنى ئېقىنغا قارشى ھەيدىگەندە، ئىلگىرىلىمىسە چېكىنىدۇ. بىز ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىش تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىنى قوللاپ، يەككە تەرەپچىللىككە، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ روشەن بەلگىسى. بۇ يىل جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى. 20 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش ۋەدىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتىنى قوزغاتتى، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ 20 يىل، جۇڭگو ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرغان، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋەتكەن 20 يىل بولدى، جۇڭگو پۇرسەتنى ئىگىلىگەن، خىرىسنى كۈتۈۋالغان 20 يىل بولدى، جۇڭگو تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان، دۇنياغا بەخت ياراتقان 20 يىل بولدى. بۇ 20 يىلدىن بۇيانقى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى - ئىلگىرىلىشىنى جۇڭگو خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەنلىكى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. مەن بۇ تارىخىي مۇساپىگە قاتناشقان ھەمدە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولغان، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش تەرەققىياتىنى قوللىغان مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەرساھە زاتلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تاشقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ ئىچكى ماھىيىتىنى بىلگىلى بولىدۇ، ئۆتمۈشكە قاراپ كەلگۈسىنى بىلگىلى بولىدۇ.» بىر دۆلەت، بىر مىللەت گۈللىنىمەن دەيدىكەن، جەزمەن تارىخنىڭ ئىلگىرىلەش لوگىكىسى بويىچە ئالغا ئىلگىرىلىشى، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىشى كېرەك. جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، دۇنيا بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇم مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ بولغان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ.

  بىرىنچى، جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغدايدۇ. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى خەلقئارا سودىنىڭ ئۇل تېشى. جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتىنىڭ توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللايدۇ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنىڭ سىغدۇرۇشچان تەرەققىي قىلىشىنى قوللايدۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەزالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوللايدۇ. جۇڭگو پائال ئوچۇق پوزىتسىيە بىلەن رەقەملىك ئىقتىساد، سودا ۋە مۇھىت، كەسىپ ياردەم تولۇقلىمىسى، دۆلەت كارخانىلىرى قاتارلىق قارالمىلار توغرىسىدىكى سۆھبەتكە قاتنىشىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنىڭ خەلقئارا قائىدىنى تۈزۈشتىكى ئاساسىي يول بولۇشتەك ئورنىنى قوغدايدۇ، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ.

  ئىككىنچى، جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي دۇنيا بىلەن بازار پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدۇ. جۇڭگو ئىمپورتنى كېڭەيتىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، سودىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمپورت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پارچە سېتىش ئىمپورت تاۋارلىرى تىزىملىكىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا ئىمپورت تاۋارلىرىنى شۇ جايدا پىششىقلاشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىشنى كۆپەيتىدۇ. جۇڭگو ئىچكى - تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا ئىستېمال مەركىزىي شەھىرى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، «يىپەك يولى ئېلېكتىرونلۇق سودىسى»نى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

  ئۈچىنچى، جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تاشقى مەبلەغ ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى قىسقارتىپ، تېلېگراف، داۋالاش قاتارلىق مۇلازىمەت كەسپى ساھەسىنى ئېچىۋېتىشنى تەرتىپلىك كېڭەيتىدۇ، «چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىلىدىغان كەسىپلەر مۇندەرىجىسى»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ۋە ئۇنى كېڭەيتىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت - سودا پاسسىپ تىزىملىكىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. جۇڭگو يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق خەلقئارا ھەمكارلىققا چوڭقۇر قاتنىشىپ، «ئومۇميۈزلۈك ھەم ئىلگىرىلىگەن تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» «رەقەملىك ئىقتىساد ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»گە قاتنىشىشنى پائال ئالغا سىلجىتىدۇ.

  تۆتىنچى، جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي دۇنيانىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق مېخانىزم ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ، سودا ۋە سېلىنما، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى قارالمىلار ئۈستىدە ئىزدىنىشنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ۋاكسىنا قاتارلىق ئاچقۇچلۇق داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ يەر شارى مىقياسىدا ئادىل تەقسىملىنىشى ۋە سودىنىڭ راۋان بولۇشىنى قوللاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، يەر شارىۋى ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى رامكىسى ئىچىدە باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى داۋاملىق تېخىمۇ كۆپ ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بىر ئادەمنىڭ كۈچى چەكلىك بولىدۇ، نۇرغۇن ئادەم قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىگەندە مەنزىلگە تېز يەتكىلى بولىدۇ.» يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇمانى تېخى تارقىلىپ كەتمىدى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىش يولى ئېگىز - پەس بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقى جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشكە تېخىمۇ موھتاج. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىللە ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق قۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلى بىلەن دۇنيانى ئىللىتىشنى خالايدۇ!
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ