مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئارمىيەنىڭ ئۆلچەم نىزامى»نى ئېلان قىلدى

2020.12.18 17:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئارمىيەنىڭ ئۆلچەم نىزامى»نى ئېلان قىلدى، بۇ نىزام 2021-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «نىزام»دا شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئومۇمىي جەھەتتىن باشقۇرۇش، ئۇرۇش رايونى ئۇرۇشنى ئاساس قىلىش، ئارمىيە تۈرىدە قۇرۇلۇشنى ئاساس قىلىش باش پىرىنسىپىغا ئاساسەن بىرلەشمە ئۇرۇش ئۆلچىمىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلىپىگە نەزەر سېلىنىپ، مەۋقە ئارمىيەنىڭ ئۆلچەم قۇرۇلۇشى ۋە ئالاھىدىلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قانۇنىيىتىگە قارىتىلىپ، پىشىپ يېتىلگەن تەجرىبە-ئۇسۇللارغا ۋارىسلىق قىلىنىپ، ئەمەلىي ئىزدىنىش نەتىجىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن سەرخىللاشقان، ماس قەدەملىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئارمىيە ئۆلچىمىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، تېخنىكا سىستېمىسى ۋە نازارەت قىلىش تۈزۈم سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، ئارمىيەنىڭ ئۆلچەم قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى بارلىق خىزمەتلەر قېلىپلاشتۇرۇلغان.

  «نىزام» جەمئىي توققۇز باب، 44 ماددا بولۇپ، ئارمىيەنىڭ ئۆلچەم خىزمىتىدىكى ئاساسلىق ۋەزىپە، تۈپ پىرىنسىپ، خىزمەت تەقسىماتىنى باشقۇرۇش قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ھەرىكەت مېخانىزمى سەرخىللاشتۇرۇلۇپ، ئارمىيەنىڭ ئۆلچەم خىزمىتىنىڭ يېڭى تۈزۈلمە ئاستىدا ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنغان. ئارمىيەنىڭ ئۆلچەم تېخنىكا ئاپپاراتى، ھېسابلاش ئۆلچىمى، ئۆلچەپ تەكشۈرۈپ بېكىتىدىغان خادىملار، ھېسابلاش تېخنىكىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئارمىيەنىڭ سېتىۋېلىش يەرلىك ئۆلچىمى مۇلازىمىتى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئارمىيەنىڭ ئۆلچەم تېخنىكا سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك قايتا ئورنىتىلغان. ئارمىيەنىڭ ئۆلچەم كاپالىتىنى تەشكىللەش، يولغا قويۇش ئۇسۇلى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئۆلچەشنى دەۋرىيلىك تەكشۈرۈپ بېكىتىش، كاپالەت مۇندەرىجىسى، كاپالەت قېلىپى بېكىتىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئارمىيە ئۆلچىمىنىڭ ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى ساھەلىرىنى قاپلىغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قېلىپى بەرپا قىلىنىپ، قىسىمنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، ئۇرۇش قىلىش ئۆلچىمى كاپالەت ئىقتىدارى ئاشۇرۇلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ