مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ماكرولۇق ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم

(پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا)

2020.12.22 17:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ماكرولۇق ئىقتىسادنى ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش − دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى، شۇنداقلا يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىللىق كەلگۈسى نىشانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەكلىپ» دېيىلىدۇ) ئومۇمىيەت ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ماكرو ئىگىلىكنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ماكرو ئىگىلىك سىياسىتىنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ماكرولۇق ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە قارىتا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ماكرولۇق ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشى ۋە نۇقتىلىق تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى. بۇنىڭدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى تولۇق نامايان قىلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى تەلىپىگە ماسلاشقان بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  «تەكلىپ»تە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ماكرولۇق ئىقتىسادنى تۈزەش سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى كۈچەيتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق زامانىۋى تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنىڭ قوشۇمچە تۈزەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىستاتىستىكا قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ماكرولۇق ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ھەم سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ ئادەتتىكى قانۇنىيىتىنى توغرا تونۇپ، تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، چەت ئەلنىڭ پايدىلىق ئۇسۇللىرىنى مۇۋاپىق ئۆرنەك قىلىپ، ھازىرقى ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش قوراللىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھەم رەقەملىك ئىقتىساد، رەقەملىك ئىجتىمائىي تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى بەرپا قىلىش تەلىپىگە ماسلىشىپ زامانىۋى تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق يېڭى تېخنىكىنىڭ قوشۇمچە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ماكرولۇق ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ