مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پەن-تېخنىكىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى قىلىش لازىم

2020.12.17 18:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىدىكى يادرولۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا مۇستەقىل بولۇش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى قىلىش كېرەك.» بۇ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئادەتتىكى قانۇنىيىتى، دۇنياۋى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئىقتىسادىي ئەندىزىنىڭ يۈزلىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشى، جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئەمەلىيىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپىنى بىرلەشتۈرۈپ، كەلگۈسى بەش يىل ۋە تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىلدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئومۇميۈزلۈك يارىتىشقا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، ھەرىكەت قىبلىنامىسى بىلەن تەمىنلىدى.

  بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسى چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتىدۇ، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا دەۋرنىڭ ئاساسىي تېمىسى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارا مۇھىت كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتىدۇ، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق روشەن ئېشىۋاتىدۇ. دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، بىر تەرەپلىمىلىك، قورۇقچىلىق، زومىگەرلىك دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تەھدىت پەيدا قىلدى، بۇ، مۇقەررەر ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك مەسىلىسى گەۋدىلىك بولۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسىلىسىنىڭ مۇرەككەپلىكى يەنىمۇ كۈچەيدى. مەسىلەن، يېڭى بىر ئەۋلاد رەقەملىك تېخنىكا تەرەققىياتى تور ھۇجۇمى، شەخسىي سىرنى ئاشكارىلاش، ئاخبارات ئوغرىلاش قاتارلىق يېڭى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى ئېلىپ كەلدى. بەزى يېڭىدىن گۈللەنگەن تېخنىكىلارنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە قوللىنىلىشى ئېتىكا مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە جانلىقلار بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈردى. بۇ يېڭىچە بىخەتەرلىك خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشمۇ ئوخشاشلا كۈچلۈك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا تايىنىدۇ. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا بىخەتەر تەرەققىياتنى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەش تەلەپ قىلىندى. تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاش ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك دەۋر تېمىسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ