مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەپتىشلىك بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىش لازىم

(شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا)

2020.12.21 18:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ تارىخىدا تۇنجى قېتىملىق ئىش. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى شۇكى، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى يېتەكچى ئورنى بېكىتىلدى. شى جىنپىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى − پارتىيەمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى تارىخىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. تەپتىش ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ قانۇن نازارەتچىلىك ئورگىنى، قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانۇننىڭ بىرتۇتاش، توغرا يولغا قويۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشتەك مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم كۈچ. تەپتىش ئورگانلىرى شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئاساسىي روھنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇننى ئىگىلەپ، خىزمەت تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، قانۇنچىللىق ئاڭلىقلىقى، تەپتىش قىلىش ئاڭلىقلىقى بىلەن قانۇن نازارەتچىلىكى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش جەريانىدا پارتىيە ۋە خەلق، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن تەپتىش بۇرچىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  دۇنيادا پۈتۈنلەي ئوخشاش قانۇنچىللىق ئەندىزىسى يوق، ھەممە يەرگە باب كېلىدىغان تەپتىش تۈزۈمىمۇ يوق. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تەپتىش تۈزۈمى − پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات جەريانىدا ئىزدىنىپ چىققان سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي ۋە ھوقۇق نازارەتچىلىكى تۈزۈمىنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتى بولۇپ، روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىك، ئەڭ روشەن ئەۋزەللىك دەل پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، بۇ ھەم خەلق تەپتىش ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، تەپتىش ئىشلىرى يېڭى ۋەزىپە ۋە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپكە دۇچ كېلىدۇ. تەپتىش ئورگانلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، تەپتىش ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تەپتىش تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ