مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگوچە ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش لازىم

2020.12.21 18:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ: زامانىۋىلاشقان دۆلەت مۇقەررەر ھالدا قانۇنچىل دۆلەت بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يېڭى مۇساپىسىدە قانۇنچىللىقنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى قانۇنچىللىق يولىدا ئىلگىرى سۈرۈش شەرت. قانۇنچىللىق __ قائىدە بىلەن ئىدارە قىلىش بولۇپ، نوپۇزغا، ئېنىقلىققا، مۇقىملىققا ۋە كۆزلىمىلىككە ئىگە. يېڭى دەۋردە، خەلق ئاممىسىنىڭ ئادىللىق، ھەققانىيلىققا بولغان ئىنتىلىشى تېخىمۇ كۈچەيدى، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇننىڭ باراۋەر قوغدىشىغا بولغان ئارزۇسى تېخىمۇ تەخىرسىز بولدى.

  دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش − كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ياخشى كۆزلىمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇشنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملىشىگە پايدىلىق. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ كۈرىشىدە، بىز قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا كۈچەپ، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلدۇق. ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ئەمەلىيىتىدە، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، بىز قانۇنچىللىققا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇنچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى مۇستەھكەملەش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولۇش مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  بۈگۈنكى جۇڭگودا، قانۇنچىللىق __ دۆلەت ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ «دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش − دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش» دېگەن يۈكسەكلىكتىن چىقىپ قانۇنچىللىققا يۈكسەك ھۆرمەت قىلىپ، قانۇنچىللىقنى تونۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش، مۇقىملىقنى قوغداش، خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ