مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2020.12.16 19:00 مەنبە: خەلق تورى

  ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ خەلققە قولايلىق قىزىق لىنىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ مەملىكەت بويىچە كۆچمە مۈلۈك ۋە ھوقۇق كېپىللىكىنى بىرتۇتاش تىزىملاپ، كارخانىلارنىڭ كېپىللىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە كۈچ قوشۇش قارار قىلىندى؛ «كارخانىلار نامىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)» ماقۇللىنىپ، كارخانىلارنىڭ نامىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشى قولايلاشتۇرۇلدى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 12-ئاينىڭ 14-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ خەلققە قولايلىق قىزىق لىنىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى؛ مەملىكەت بويىچە كۆچمە مۈلۈك ۋە ھوقۇق كېپىللىكىنى بىرتۇتاش تىزىملاپ، كارخانىلارنىڭ كېپىللىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە كۈچ قوشۇشنى قارار قىلدى؛ «كارخانىلار نامىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)» ماقۇللىنىپ، كارخانىلارنىڭ نامىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشى قولايلاشتۇرۇلدى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ خەلققە قولايلىق قىزىق لىنىيەسى بىۋاسىتە كارخانا ۋە ئاممىغا يۈزلەنگەن، مەسىلە، پىكىرنى ئەكس ئەتتۈرۈش، ھۆكۈمەتنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم يولى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كارخانىلارنى، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىشتا پائال رولىنى جارى قىلدۇردى. كېيىنكى قەدەمدە، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، ھازىرقى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىنىڭ قىزىق لىنىيە نومۇرى كۆپ بولۇش، ئامما ئىش بېجىرىشتە كۆپ تەرەپنى ئىزدەش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ خەلققە قولايلىق قىزىق لىنىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كارخانا ۋە ئاممىغا چېتىلىدىغان جىددىي بولمىغان ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى قىزىق لىنىيەسىگە قارىتا يەرلىكنىڭ، بولۇپمۇ شەھەر، ناھىيەنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، يەرلىك تەسىس قىلغان ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى قىزىق لىنىيەسى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەسىس قىلغان ھەمدە يەرلىك قوبۇل قىلىدىغان ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى قىزىق لىنىيەسىنىڭ نومۇرىنى بىرلەشتۈرگىلى بولىدىغانلىرىنى ئىمكانقەدەر بىرلەشتۈرۈپ، ئىمكانقەدەر بىر نومۇر ئىشلىتىپ، ئاممىنىڭ ئەستە ساقلىشى ۋە ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىپ، بىر كۆزنەكلىك مۇلازىمەتنى نامايان قىلىش كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يەرلىكنىڭ قىزىق لىنىيەنى ئەلالاشتۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشى، قوللىشى كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ خەلققە قولايلىق قىزىق لىنىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇشتا ئاممىنىڭ تېلېفون ئۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىپلا قالماي، يەنە تەرتىپ ۋە بايلىق تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىپ، قىزىق لىنىيە قوبۇل قىلىش بىلەن ئارقا سۇپىدىكى بېجىرىش مۇلازىمىتىنىڭ زىچ جىپىسلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دەۋانى قوبۇل قىلغان ھامان دەرھال بېجىرىش ۋە بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كارخانىلار ۋە ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەر ۋە مۇۋاپىق دەۋا تەلىپىنىڭ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنىشى ۋە بېجىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ خەلققە قولايلىق قىزىق لىنىيەسىنى تېخىمۇ تېز قوبۇل قىلىدىغان، تېخىمۇ توغرا ئايرىيدىغان، تېخىمۇ ئەمەلىي بېجىرىدىغان قىلىش كېرەك.

  تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قىسمەن ئۆلكە، شەھەرلەر كۆچمە مۈلۈك ۋە ھوقۇق كېپىللىكىنى بىرتۇتاش تىزىملاشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ كېپىللىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە قولايلىق ياراتتى. نۇقتىدا سىناق قىلىشتا پۇقراۋى كارخانىلار بىلەن ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن كېپىللىك بويىچە تىزىملىتىش كەسپى %95تىن ئېشىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سوممىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %80تىن ئاشتى. ئىسلاھات ئۈنۈمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن، يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، كۆچمە مۈلۈك ۋە ھوقۇق كېپىللىكى پۈتۈن مەملىكەتتە بىرتۇتاش تىزىملىنىدۇ. بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئۈستىگە ئالغان ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسى، خام ماتېرىيال، يېرىم تەييار مەھسۇلات، مەھسۇلاتنى رەنىگە قويۇشنى تىزىملاش ۋە خەلق بانكىسى ئۈستىگە ئالغان ئېلىشقا تېگىشلىك ھېسابتىكى پۇلنى رەنىگە قويۇپ تىزىملاش، شۇنداقلا ئامانەت چېكىنى رەنىگە قويۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارىسى، كاپالەتلىك كىرىم-چىقىم قاتارلىقلارنى تىزىملاش خەلق بانكىسىنىڭ بىرتۇتاش ئۈستىگە ئېلىشىگە ئۆزگەرتىلىپ، ئالاقە تورىنى ئاساس قىلغان 24*7 سائەتلىك ھاۋا چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن كۆچمە مۈلۈك ۋە ھوقۇق كېپىللىكىنى تىزىملاتقانلارنىڭ قايتا تىزىملىتىشى ھاجەتسىز، ئالاقىدار تارماقلار ساقلانما ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق جىپىسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى مۇۋاپىق، ياخشى ئىشلىشى كېرەك. يېڭىدىن تىزىملىتىدىغانلارغا قارىتا، ئالاقىدار تەرەپلەر كۆچمە مۈلۈك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى بىرتۇتاش تىزىملاشنى ئېلان قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق ئۆز ئالدىغا بېجىرسە بولىدۇ ھەمدە تىزىمغا ئالدۇرغان مەزمۇننىڭ چىنلىقى، مۇكەممەللىكى ۋە قانۇنلۇقلىقىغا مەسئۇل بولىدۇ؛ تىزىمغا ئالغۇچى ئاپپارات تىزىمغا ئالدۇرغان مەزمۇننى ماھىيەتلىك تەكشۈرمەيدۇ. بىرتۇتاش تىزىملاشنى يولغا قويۇش پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كارخانىلارنىڭ كۆچمە مۈلۈك ۋە ئالاقىدار ھوقۇق ئۇچۇرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىشىگە پايدىلىق بولۇپ، كارخانىلارنىڭ كېپىللىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللاش ئارزۇسىنى ئاشۇرىدۇ.

  يىغىندا «كارخانىلار نامىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)» ماقۇللاندى، كارخانىلارنىڭ نامىنى ئاساسىي جەھەتتىن قېلىپلاشتۇرۇش مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كارخانىلارنىڭ نامىنى ئۆز ئالدىغا ئىلتىماس قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نام تاللىشى بەلگىلىنىدۇ ھەم نام ھوقۇقىغا دەخلى-تەرز قىلىش قىلمىشىغا قارىتا قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا ۋەدە بېرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىلىپ، تىزىمغا ئالغۇچى ئورگاننىڭ ئىش داۋامىدا، ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى بەلگىلىنىپ، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولمىغان نام تىزىمغا ئېلىنمايدۇ ياكى تۈزىتىلىدۇ، نامدا تالاش-تارتىش بولغانلىرىنى قانۇن بويىچە ئەرز قىلسا بولىدۇ ياكى تىزىملىغۇچى ئورگان كېلىشتۈرۈپ قويىدۇ ياكى ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ