مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش لازىم

2020.12.16 18:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەتكە ماسلىشىش، تەبىئەتنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەبىئىي ئېكولوگىيەنىڭ بىخەتەرلىك چېگراسىنى ساقلاش كېرەك.» سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى تەبىئىي بايلىق، ئېكولوگىيە بايلىقى ھەم ئىجتىمائىي بايلىق، ئىقتىسادىي بايلىقتۇر. جياڭسۇ ئۆلكىسى تەيجوۋ شەھىرى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېشىل ئېرىشىش تۇيغۇسى، ئېكولوگىيە بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

  ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىش لازىم. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشى تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ئىقتىسادىي قۇرۇلما ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىغا باغلىق.» ئىلگىرى بەزى جايلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى يۇقىرى سەرپىياتلىق، يۇقىرى بۇلغىمىلىق كەسىپلەرگە زىيادە تايىنىۋېلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە ئېكولوگىيەنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇلغىما چىقىرىشنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاشتا، جەزمەن بۇزۇش بىلەن تىكلەشنى تەڭ تۇتۇش داۋامىدا كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەيجوۋ شەھىرى قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاپ، «تارقاق، قالايمىقان، بۇلغىما چىقىرىدىغان» كارخانىلارغا قارىتا ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، تاقاش، توختىتىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش، بىرىكتۈرۈش، كۆچۈرۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، جەمئىي 835 كارخانىنى تەرتىپكە سالدى. تەرەققىيات ئۇسۇلىنى كۈچەپ ئۆزگەرتىپ، تەرەققىيات تەپەككۇر يولىنى ياخشىلاپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تىپىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل ئۆزگەرتىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق توپىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، بىيو-تېببىي دورا ۋە يېڭىچە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق كېمە-پاراخوت، يېشىل خىمىيە سانائىتى ۋە يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىلغار ياسىمىچىلىق توپىنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ زورايتىپ، كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇلغىما چىقىرىشنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، بايلىق، ئىشلەپچىقىرىش، ئىستېمال قاتارلىقلارنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ ماس بىرلىكى، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە تۇرۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ