مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش داۋامىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

2020.12.16 18:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك.» يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنى كۈچلۈك ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

  يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش − پارتىيەمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئىچكى-تاشقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ئىلمىي تەھلىل قىلىش ئاساسىدا، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى. نۆۋەتتە، خەلقئارا مۇھىت كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتىدۇ، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق كۆرۈنەرلىك ئېشىۋاتىدۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرى كەڭ ھەم چوڭقۇر بولۇۋاتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى تەتۈر ئېقىمغا ئۇچرىدى، دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. بۇنداق ئەھۋالدا، تەرەققىياتنىڭ مەۋقەسىنى دۆلەت ئىچىگە قويۇپ، ئىچكى بازارغا تېخىمۇ كۆپ تايىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كەلگۈسى بىر مەزگىلدە، ئىچكى بازارنىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچى يەنە ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش − دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشتا، دۆلىتىمىزنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش شەرت. ئىقتىسادنىڭ سىجىل، تېز تەرەققىي قىلىشى نەتىجىسىدە، دۆلىتىمىزدە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك ئىچكى بازار تەدرىجىي شەكىللەندى، بۇنىڭ كونكرېت ئىپادىسى شۇكى: نوپۇس تۈپ سانى كۆپىيىش بىلەن بىللە، مىللىي دارامەت ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، غايەت زور ئىچكى ئېھتىياج شەكىللەندى؛ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، قاتناش-تىرانسپورت ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، بىرلىككە كەلگەن بازار شەكىللەندۈرۈشكە قولايلىق يارىتىلدى؛ تاۋار بازىرى تەرەققىي قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرى بازىرى تېز تەرەققىي قىلدى، ۋەھاكازالار. بۇ خىل ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك ئىچكى بازار − يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا ئېلىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشتىكى روشەن ئەۋزەللىكىگە ئايلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ