مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەڭ جانلىق مىساللار ئارقىلىق ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسنى ياخشى سۆزلەش كېرەك

2020.12.17 18:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، پۈتۈن مەملىكەت بىر نىيەتتە بولۇش، پىداكارلىق بىلەن ئىشلەش، ئىلىم-پەنگە ھۆرمەت قىلىش، تەقدىرداش بولۇش»تەك يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى چوڭقۇر شەرھلىدى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھى جۇڭگو روھىنىڭ جانلىق چۈشەندۈرۈلۈشى بولۇپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسنىڭ ئىدىيەۋىلىكى، نەزەرىيەۋىلىكى ۋە بىرىكىشچانلىقى، قاراتمىلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشنى مول بايلىق بىلەن تەمىنلىدى. بىز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ جانلىق مىساللار ئارقىلىق ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسنى ياخشى سۆزلەپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسىنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەش لازىم. ياشلار-ئۆسمۈرلەر ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى. ياشلار-ئۆسمۈرلەر كىشىلىك ھاياتتىكى «غول تارتىپ باشاق چىقىرىش مەزگىلى»دە تۇرغاچقا، زېھنىي كۈچى تەدرىجىي مۇكەممەللىشىپ، تەپەككۇرىمۇ جانلىنىپ، كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلەش ۋە يېتىشتۈرۈشكە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، دۆلەتنىڭ، خەلقنىڭ غېمىنى يېيىشى، ۋەتەننى سۆيۈش، خەلقنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى كۆڭلىگە پۈكۈشى كېرەك.» ئەلپازى يامان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، پارتىيەمىز خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، تۇغۇلغىلى ئەمدىلا 30 نەچچە سائەت بولغان بوۋاقتىن تارتىپ 100 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارغىچە ھەممىسىنى بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي، پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزدى.

  يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھى پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان قىممەت ئىنتىلىشىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، ئوقۇغۇچىلارنى مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئېتىقادىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەشكە پايدىلىق. ئەڭ جانلىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مىساللىرى ئارقىلىق ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسنى ياخشى سۆزلەشتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدىكى ھاياتلىقنى ھۆرمەتلەش، ھاياتلىقنى قوغداش، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشتىكى سانسىزلىغان تەسىرلىك ھېكايىلەرنى ئەقىل-ئىدراك يۇغۇرۇلغان ھالدا بايان قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بوران-چاپقۇن يېتىپ كەلگەن چاغدىكى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى كۈچەپ كۈچەيتىپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئېتىقادىنى چىڭىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ