مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

2020.12.21 18:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پۈتۈن تاراتقۇ دەۋرىدە، ئۇچۇر ھەممە يەردە بار، ھەممە يەرگە يېتىپ بارالايدۇ، ئىشلەتمەيدىغان ئادەم يوق، ئاممىۋى پىكىر ئېكولوگىيەسى، تاراتقۇ ئەندىزىسى، تارقىتىش ئۇسۇلى قاتارلىقلاردا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دەۋرنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن گۈللەنمە تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقاردى.

  بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش لازىم. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن گۈللەنمە تاراتقۇلار ئورنىنى ئېلىش مۇناسىۋىتىدە ئەمەس، بەلكى ئىتېراتسىيە مۇناسىۋىتىدە بولۇش؛ كىم ئاساسلىق، كىم ئىككىنچى ئورۇندا ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا كۈچەيتىش؛ كىم كۈچلۈك، كىم ئاجىز ئەمەس، بەلكى ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىش لازىم»، «بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا قوشۇلۇش باسقۇچىدىن ئۆزئارا سىڭىشىش باسقۇچىغا ئۆتۈشنى تېزلىتىش كېرەك». گېزىت قاتارلىق ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار نوپۇزلۇق، كەسپىي بولۇشتەك ئەۋزەللىككە ئىگە، لېكىن تارقىتىش سۈرئىتى ئاستا بولۇش، يەككە يۆنىلىشلىك تارقىتىش، ھەمتۈرتكىلىك كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق يېتەرسىزلىكلەرمۇ مەۋجۇت، بۇ يېتەرسىزلىكلەرنى دەل تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز تاراتقۇلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئەمەلىيىتى شۇنى كۆرسەتتىكى، بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇغۇرۇلغان، بىرلەشتۈرۈلگەن پۈتۈن تاراتقۇ تارقىتىش ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش __ ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن گۈللەنمە تاراتقۇلارنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلىشىگە پايدىلىق.

  ئەمەلىيەت داۋامىدا، گېزىت قاتارلىق ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار ئاددىي ھالدا «گېزىتتىن ۋاز كېچىپ تورغا ئۆتۈش» ئەمەس، بەلكى گۈللەنمە تاراتقۇلار بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرتىپنى ئەلالاشتۇرۇش، سۇپىنى قايتا قۇرۇش ئارقىلىق، تۈرلۈك تاراتقۇ بايلىقى، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى ئۈنۈملۈك بىرىكتۈرۈپ، ئۇچۇر مەزمۇنى، تېخنىكىنى قوللىنىش، سۇپا تېرمىنالى، باشقۇرۇش ۋاسىتىلىرىنى ئورتاق يۇغۇرۇپ ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا، ئاساسىي ئېقىمدىكى ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار گۈللەنمە تاراتقۇلارنىڭ زەربىسى تۈپەيلىدىن ئاجىزلاشمايلا قالماستىن، بەلكى تەرەققىيات بوشلۇقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكىر بازىسىنى مۇستەھكەملىدى ۋە زورايتتى. ئەمەلىيەت جەريانىدىكى ياخشى ئۇسۇل، ياخشى تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىشتا باشتىن-ئاخىر بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ