مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ چىلى زۇڭتۇڭى پىنېرا بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.12.16 19:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15-دېكابىر كەچتە چىلى زۇڭتۇڭى پىنېرا بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چىلى يېڭى جۇڭگو بىلەن تۇنجى بولۇپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان لاتىن ئامېرىكىسى چوڭ قۇرۇقلۇقى دۆلىتى، جۇڭگو-چىلى مۇناسىۋىتى جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ ئۈلگىسى. بۇ يىلدىن بۇيان، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتەك چوڭقۇر دوستلۇقىنى نامايان قىلدى. ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيانقى جۇڭگو-چىلى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى يەكۈنلەپ، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىش ئەنئەنىسىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو-چىلى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ شانلىق يېڭى دەۋر يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىلگىرى سۈرۈپ، چىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كەڭ بازار ۋە تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىشى كېرەك. جۇڭگو چىلىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، كانچىلىق، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق يېڭى ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە، يەرلىك، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئىشلىتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، چىلى تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا چامىنىڭ يېتىشىچە مەدەت ۋە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق دۇنياۋى قارالمىلاردا ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە ئەركىن سودىنى ئورتاق قوللاشنى خالايدۇ. چىلىنىڭ جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ بىر پۈتۈن ھەمكارلىقىدا ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  پىنېرا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چىلى بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولدى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. چىلى جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلىرىنى ئالقىشلايدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتا دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇشتىكى يېڭى تەدبىرلىرىنى جاكارلاپ، دۇنياغا يېڭى مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگونىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈپ يولغا قويۇشىنىڭ چىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنياغا تېخىمۇ زور پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. چىلى جۇڭگو بىلەن سۆھبەت ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، ئادىل، ئەركىن سودا سىستېمىسىنى ئورتاق قوغداپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق مۇھىم قارالمىلاردا ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئۇزاق قەدىمىي مەدەنىيەت ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك نەزەرگە ئىگە، جۇڭگونىڭ دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۇنياۋى خىرىسقا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  شۇ كۈنى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە جۇڭگو-چىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى توغرىسىدا ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو-چىلى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل چوڭقۇر تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ