مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تانزانىيە زۇڭتۇڭى ماگۇفۇلى بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.12.16 19:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15-دېكابىر كەچتە تانزانىيە زۇڭتۇڭى ماگۇفۇلى بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ ماگۇفۇلىنىڭ ئۇدا زۇڭتۇڭ بولغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-تانزانىيە ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن ئورناتقان. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-تانزانىيە مۇناسىۋىتىگە باشتىن-ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرىدۇ. خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر تانزانىيەنىڭ ئىشەنچلىك دوستى ۋە يولداشلىرى. جۇڭگو تەرەپ تانزانىيە تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، تانزانىيە تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە داۋاملىق قەتئىي ئۆزئارا قوللاشنى خالايدۇ. جۇڭگو تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تانزانىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشىنى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، بايلىق ئېچىش، يېزا ئىگىلىكى، ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ تانزانىيە تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو-ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-تانزانىيە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  ماگۇفۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تانزانىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ تانزانىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى قەتئىي سىياسىي قوللىشىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەرلىكىدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيان، تانزانىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىي قىلدى، جۇڭگو تەرەپ تانزانىيە تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا زور ياردەم بېرىپ، تانزانىيە تەرەپنى كۆپ نەپكە ئېرىشتۈردى. تانزانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنى مۇھىم ۋە ئىشەنچلىك دوست دەپ قارايدۇ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد-سودا، سېلىنما، يېزا ئىگىلىكى، ساياھەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. تانزانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ شىنجاڭ، شياڭگاڭ قاتارلىق جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىشقا كۈچ چىقىرىدۇ. تانزانىيە تەرەپ ئافرىقا-جۇڭگو ھەمكارلىق مۇنبىرى ھەمكارلىقى، ئافرىقا-جۇڭگو ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئويناشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ