مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ پاكىستان كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى ساڭجىنانى بىلەن كۆرۈشتى

2020.12.17 18:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 12-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدا سىن شەكلىدە پاكىستان كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى ساڭجىنانى بىلەن كۆرۈشتى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭلى ئىمران خان بىلەن تېلېفونلاشتى، زۇڭتۇڭ ئالۋى «قارشى يۆنىلىشتە» جۇڭگونى زىيارەت قىلدى. جۇڭگو-پاكىستاننىڭ «جانجىگەر» دوستلۇقى يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ قۇدرەتلىك، جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچنى نامايان قىلدى. كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئىككى تەرەپ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا، پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پاكىستان كېڭەش پالاتاسى بىلەن بىلەن دوستانە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىلىشىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  ساڭجىنانى جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش نەتىجىلىرىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاكىستان جۇڭگو بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، پاكىستان-جۇڭگو ئىقتىساد كارىدورىنى ياخشى قۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، پاكىستان-جۇڭگو ھەر قانداق كىلىمات شارائىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لى بىن، گۇ شېڭزۇ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ