مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چاڭئې 5-نومۇرنىڭ قايتقۇچىسى ئاي شارىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ، يەر شارىغا بىخەتەر قوندى، جۇڭگونىڭ ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىدىكى «ئايلىنىش، قونۇش، قايتىش»تىن ئىبارەت ئۈچ قەدەملىك پىلانى ئۆز قەرەلىدە تاماملاندى

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې 5-نومۇرنىڭ ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى

2020.12.17 18:27 مەنبە: خەلق تورى

  تەبرىك خېتى

  ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى قوماندانلىق ئىشتابى ھەم چاڭئې 5-نومۇرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا قاتناشقان بارلىق يولداشلار:

  ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې 5-نومۇرنىڭ ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقىنى ئاڭلاپ خۇشال بولدۇم، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە سەمىمىي ھال سورايمەن!

  چاڭئې 5-نومۇرنىڭ ۋەزىپىسى ئېلىمىزنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، تېخنىكا ھالقىشى ئەڭ چوڭ ئالەم قاتنىشى سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېلىمىزنىڭ يەر شارى سىرتىدىكى ئاسمان جىسىملىرىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىپ كېلىشىنى تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇردى. بۇ، يېڭىچە دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ قولغا كەلتۈرگەن يەنە بىر مۇھىم مۇۋەپپەقىيەت بولۇپ، جۇڭگو ئالەم قاتنىشىنىڭ ئالغا قاراپ چوڭ بىر قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى ۋە قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىغا بولغان ئىلمىي تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۆھپە قوشىدۇ. ۋەتەن ۋە خەلق سىلەرنىڭ قالتىس تۆھپەڭلارنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ.

  ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش قەدىمىنىڭ چېكى يوق. مەن سىلەرنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىش، دادىل ئىزدىنىش، ماسلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشتەك ئاي شارىنى تەكشۈرۈش روھىنى زور كۈچ بىلەن نۇرلاندۇرۇپ، پىلانېتىلار ئارا تەكشۈرۈشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى قەدەممۇ قەدەم باشلاپ، ئالەم قاتنىشىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىشى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور يول ئېچىش خاراكتېرلىك تۆھپە قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ

  2020-يىل 12-ئاينىڭ 17–كۈنى



  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-دېكابىر سەھەر سائەت بىردىن 59 مىنۇت ئۆتكەندە، چاڭئې 5-نومۇرنىڭ قايتقۇچىسى ئاي شارىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ سىزىۋاڭ خوشۇنىدىكى ئالدىن بەلگىلەنگەن رايونغا بىخەتەر قونۇپ، ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې 5-نومۇرنىڭ ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى قوماندانلىق ئىشتابى ھەم چاڭئې 5-نومۇرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا قاتناشقان بارلىق يولداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چاڭئې 5-نومۇرنىڭ ۋەزىپىسى ئېلىمىزنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، تېخنىكا ھالقىشى ئەڭ چوڭ ئالەم قاتنىشى سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېلىمىزنىڭ يەر شارى سىرتىدىكى ئاسمان جىسىملىرىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىپ كېلىشىنى تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇردى. بۇ، يېڭىچە دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ قولغا كەلتۈرگەن يەنە بىر مۇھىم مۇۋەپپەقىيەت بولۇپ، جۇڭگو ئالەم قاتنىشىنىڭ ئالغا قاراپ چوڭ بىر قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى ۋە قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىغا بولغان ئىلمىي تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۆھپە قوشىدۇ. ۋەتەن ۋە خەلق سىلەرنىڭ قالتىس تۆھپەڭلارنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش قەدىمىنىڭ چېكى يوق. مەن سىلەرنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىش، دادىل ئىزدىنىش، ماسلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشتەك ئاي شارىنى تەكشۈرۈش روھىنى زور كۈچ بىلەن نۇرلاندۇرۇپ، پىلانېتىلار ئارا تەكشۈرۈشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى قەدەممۇقەدەم باشلاپ، ئالەم قاتنىشىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىشى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور يول ئېچىش خاراكتېرلىك تۆھپە قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. (تەبرىك خېتىنىڭ تولۇق تېكىستى بۈگۈنكى ساندىكى خەلق گېزىتىدا ئايرىم ئېلان قىلىندى)

  دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزى چاڭئې 5-نومۇر ۋەزىپىسىنىڭ ئۇچۇشنى كونترول قىلىش نەق مەيدانىدا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىنى ئوقۇدى.

  چاڭئې 5-نومۇرنىڭ ۋەزىپىسى ئېلىمىزنىڭ ئاي يۈزىدىن تۇنجى قېتىم ئەۋرىشكە ئېلىش ۋە پېچەتلەش، ئاي يۈزىدىن ئۇچۇش، ئاي شارى ئوربىتىسىنى تۇتاشتۇرۇش، ئەۋرىشكىنى ئېلىپ قايتىپ كېلىش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك زور بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويۇلۇشى __ ئېلىمىزنىڭ ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىدىكى «ئايلىنىش، قونۇش، قايتىش»تىن ئىبارەت ئۈچ قەدەملىك پىلانىنىڭ ئۆز قەرەلىدە تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ