مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، تەرەققىي قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش لازىم

2020.12.18 18:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قارىتا مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىشتا كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشتىكى ئۈلۈشىنى ئۆستۈرۈپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بولغان پۇل مۇئامىلىدىكى پەرقلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى كۈچەيتىش كېرەك... يېقىندا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 17 تارماق بىرلىكتە «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى تۈزۈم جەھەتتىن لايىھەلەپ، يەتتە جەھەتتىكى 25 كونكرېت تەدبىرنى قوللىنىپ، ھەم ئاساسنى باشقۇرۇپ، ھەم كەلگۈسىگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، تەرەققىياتىنى قوغدىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ: تۈرلۈك ئاماللار بىلەن بازار سۇبيېكتلىرىنى ياخشى قوغداپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن ئاساسىي كۈچ توپلاش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ئېلىمىزدىكى 120 مىليون بازار سۇبيېكتى ئىچىدە 30 مىليوندىن ئارتۇق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا، 80 مىليوندىن ئارتۇق يەككە سودا-سانائەتچى بار. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسلىق يولى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى، شۇنداقلا بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم كۆرسىتىشىگە ئەگىشىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بېسىمى ئۈنۈملۈك پەسەيتىلدى.

  نۆۋەتتە، خەلق ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشۈشى داۋاملىق مۇقىم ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتىدە تۇرماقتا، 4-پەسىلدە ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئىنتايىن مۇھىم. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مىقدارى كۆپ، دائىرىسى كەڭ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش، مەبلەغ زەنجىرى جىددىي بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش، خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق بەزى مەسىلىلەر گەۋدىلىك بولماقتا. ياخشى تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈلگەندىلا، كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ئاندىن تۈپ تايانچقا ئىگە بولالايدۇ. «پىكىر»دە تۈزۈم لايىھەسى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويۇلغان مالىيە-باج، پۇل مۇئامىلە، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، ياردەم بېرىش-يۆلەشتىكى بىر قاتار باسقۇچلۇق سىياسەتلەر بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇزۇن-قىسقا بىرلەشتۈرۈلگەن كۆپ قاتلاملىق سىياسەت سىستېمىسى بەرپا قىلىندى، قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا، بۇ، كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا پايدىلىق، ئۇزۇن مەزگىلدىن قارىغاندا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېخىمۇ كۈچ توپلىيالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ