مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش لازىم

(پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا)

2020.12.17 18:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  قاتناش − دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاساسىدۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئىلغار ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى، تېخىمۇ مۇكەممەل ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.» ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەكلىپ» دېيىلىدۇ)دە، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدا مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز خەلق رازى بولىدىغان، كاپالىتى كۈچلۈك، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ياخشى باشلامچى بولۇشىمىز كېرەك.

  «تەكلىپ»تە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت چوڭ يولى، ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى ۋە ئەشيا ئوبوروت تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەرلەر توپى ۋە مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكى رېلىسلىق قاتنىشىنى تورلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا ۋە چېگرا رايونلارنىڭ قاتناش راۋانلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ چىقارغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  قاتناش − ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم تىرىكى. قاتناشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم بەلگىسى. دۆلىتىمىزنىڭ زېمىنى كەڭ، نوپۇسى كۆپ، بايلىق ۋە كەسىپلەرنىڭ تارقىلىشى تەكشى ئەمەس، ئالاھىدە دۆلەت ئەھۋالى چوقۇم كۈچلۈك قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى بەلگىلىگەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ قاتناش-تىرانسپورتى «بوغما ھالەت چەكلىمىسى»دىن «ئاساسىي جەھەتتىن ماسلىشىش»قا تەرەققىي قىلىپ، ئۇل ئەسلىھە، تىرانسپورت مۇلازىمىتى كۆلىمى جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق قاتناش چوڭ دۆلىتىگە ئايلىنىپ، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى بولۇشقا قاراپ تېز ئىلگىرىلىمەكتە. قاتناش-تىرانسپورتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ئېلىمىزنىڭ شەھەر-يېزا قىياپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆزگەرتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا يېتىشكە كۈچلۈك تىرەك بولدى. پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، قاتناش-تىرانسپورت ساھەسىدە ئالدى بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، زامانىۋى ئۇنىۋېرسال قاتناش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش − سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇلۇشىنى مۇستەھكەم تىرەككە ئىگە قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ