مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ «ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى ئەھدىنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلدى

2020.12.15 19:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 14-دېكابىر «ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى ئەھدىنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سىنلىق سۆز قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىقتىسادى ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى ئۇزاقتىن بۇيان خەلقئارا تەرەققىيات سىياسىتىنى تەتقىق قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتا مۇھىم رول ئوينىدى. بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى بىلەن سىياسىي سۆھبەت ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 25 يىللىقى. 25 يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئىككى تەرەپ شەكلى كۆپ خىل، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاچقۇچلۇق پەيتتە تۇرۇۋاتىدۇ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى تېز ئىسلاھ قىلىنىۋاتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى يېڭى پۇرسەت ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بىز ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن زۆرۈر بولغان ئاممىۋى سەھىيە ۋە ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى قوللىشىمىز كېرەك. ماكرو ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى پەسەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى بالدۇرراق مۇقىم ئەسلىگە كېلىش يولىغا سېلىش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇمنىڭ ئېغىر زەربىسى ئالدىدا، جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش بىر قاتار تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي دىسكىسىنى مۇقىملاشتۇردى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ پۈتۈن يىلدا مۇسبەت ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشەنچ باغلىدى. بىز ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، ماكرولۇق تەڭشەش ئارقىلىق بازار بىلەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى، ئۈنۈملۈكلۈكى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ساقلاپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىپ، بازارنىڭ مۇقىملىقىنى كۆزلەيمىز.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، تەرەققىيات − جۇڭگودىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى. بىز سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز. بىز تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانى تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايمىز. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، «تېخىمۇ ياخشى سىياسەت، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش» ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ، سىغدۇرۇشچان ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ