مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ مۇھىم سۆز قىلدى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

2020.12.21 17:47 مەنبە: خەلق تورى

  16-دېكابىردىن 18-دېكابىرغىچە، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى 16-دېكابىردىن 18-دېكابىرغىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، 2020-يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى خۇلاسىلەپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، 2021-يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. لى كېچياڭ سۆزىدە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە خۇلاسە سۆزى قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: بۇ يىل يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى ئالاھىدە بىر يىل بولدى. كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، دۆلەت ئىچىدىكى مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى، بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى ئالدىدا، بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ۋەزىيەتكە توغرا ھۆكۈم قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىپ، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، خەلق رازى بولىدىغان، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان، تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. ئېلىمىز دۇنيادىكى ئىقتىسادنىڭ مۇسبەت ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان بىردىنبىر ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا زور ئىلگىرىلەش بولدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە مۇھىم بۆسۈش بولدى، خەلق تۇرمۇشى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. بۇ نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىگەن، جاپا-مۇشەققەت ۋە خەتەرلىك توسالغۇلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ يىل «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ئاخىرلىشىدىغان يىل. بەش يىل سىجىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا يېڭى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلەر تاماملىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يەنە يېڭى زور پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش غەلىبە قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە يېڭى چوڭ قەدەم تاشلاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بىز دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش ئەمەلىيىتىدە، كەسكىن خىرىس ئاستىدا ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى خەتەرلىك پەيتتە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلىشىدىكى تۈپ تايانچ، زور تارىخىي پەيت، زور سىناق ئالدىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، تەدبىر بەلگىلەش كۈچى، ھەرىكەت كۈچى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى؛ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش __ توغرا تاللاش نەتىجىسى چىقىرىشنىڭ تۈپ ئالدىنقى شەرتى، باشتىن-ئاخىر خەلقنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، باشتىن-ئاخىر خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويىدىغانلا بولساق، چوقۇم توغرا تەدبىر بەلگىلەپ، ئەڭ ياخشى يولنى بېكىتەلەيمىز ھەمدە خەلققە تايىنىپ، بارلىق جاپا-مۇشەققەت ۋە خەتەرلىك توسالغۇلارنى يېڭەلەيمىز؛ تۈزۈم ئەۋزەللىكى قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشنىڭ تۈپ كاپالىتى، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىشتەك تۈزۈم ئەۋزەللىكىدە چىڭ تۇرىدىغانلا بولساق، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى جارى قىلدۇرالايمىز؛ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ۋە ئىجادىي تاقابىل تۇرۇش __ خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ تۈپ ئۇسۇلى، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ماسلىشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدىغانلا بولساق، چوقۇم چوڭ خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا چوڭ پۇرسەت يارىتالايمىز؛ پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش __ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ تىرىكى، ئىلمىي روھتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدىغانلا بولساق، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى چوقۇم تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئاساسقا ئىگە قىلالايمىز.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈش كېرەككى، يۇقۇمنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تاشقى مۇھىتتا نۇرغۇن ئېنىقسىزلىقلار مەۋجۇت، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئاساسى يەنىلا پۇختا ئەمەس. كېلەر يىلى دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى يەنىلا مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بولىدۇ، ئەسلىگە كېلىشى تۇراقسىز ۋە تەكشىسىز بولىدۇ، يۇقۇم زەربىسىدىن كېلىپ چىقىدىغان تۈرلۈك تۇغۇندى خەۋپلەرگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ-خەتەرنى ئالدىن پەرەز قىلىش، ئالدىن ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. كۆپ تەرەپچىللىك بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پائال قاتنىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كېلەر يىلى ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدىكى ئالاھىدە مۇھىم بىر يىل. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قارىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىر تۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماكرولۇق سىياسەتنى ئىلمىي، دەل جايىدا يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇشىنى تىرىشىپ ساقلاپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن-تېخنىكا ئىستراتېگىيەسىنىڭ تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، «14-بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىشىمىز كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى. كېلەر يىللىق ماكرولۇق سىياسەتتە ئىزچىللىق، مۇقىملىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقنى ساقلاش كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى زۆرۈر قوللاش سالمىقىنى ساقلاپ، سىياسەت مەشغۇلاتىدا تېخىمۇ دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بولۇپ، جىددىي بۇرۇلۇش ھاسىل قىلماي، سىياسەتنىڭ ۋاقىت، دەرىجە، ئۈنۈمىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. قىممەتلىك ۋاقىت كۆزنىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق «14-بەش يىل»نى ياخشى باشلاش كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇپ، مۇۋاپىق چىقىم دەرىجىسىنى ساقلاپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسىنىڭ مالىيە كۈچى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلىتىش، كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشەشتە تەشەببۇسكار بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يوشۇرۇن قەرز خەۋپ-خەتىرىنى ھەقىقىي تۈگىتىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش لازىم، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. پۇختا پۇل سىياسىتىدە جانلىق، دەل جايىدا، مۇۋاپىق بولۇش، پۇل تەمىنات مىقدارى ۋە ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ نامدىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرىتى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ماسلىشىشىنى، ماكرولۇق پىشاڭ نىسبىتىنىڭ ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق بانكا دەسمايىسىنى تولۇقلاپ، زايوم بازىرى قانۇن-تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يېشىل تەرەققىياتنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۆسۈم نىسبىتى، پېرېۋوت نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق تەڭپۇڭ سەۋىيەدىكى ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا كېلەر يىلى تۇنجى قەدەمنى ياخشى بېسىپ، يېڭى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش سۇبيېكت قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىشتا تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ تۇتۇپ، ئېھتىياج تەرەپلىك باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، توسالغۇلارنى، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىمات، ئوبوروت، ئىستېمال ھالقىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئېھتىياج تەمىنلەشكە تۈرتكە بولىدىغان، تەمىنلەش ئېھتىياجنى يارىتىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكى سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، بەزى ئاچقۇچلۇق نۇقتىلاردا كۈچەپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، بىرىگە تەگسە ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: كېلەر يىلى تۆۋەندىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  بىرىنچى، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ زور پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى تەشكىللىگۈچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياج يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يۆنىلىشى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى بېكىتىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەۋپسىزلىكىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان زور قىيىن مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. مەملىكەت بويىچە يېڭىچە تۈزۈلمە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم ئالىي مەكتەپ، دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پەن تەتقىقات كۈچلىرىنى ياخشى تەقسىملەش ۋە بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۇل تەتقىقاتنىڭ ئون يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم ئۇل پەن تەتقىقات مەركەزلىرىنى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، شارائىتى بار جايلارنىڭ خەلقئارا ۋە رايون پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. كارخانىلارنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇشىنى قوللاپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلقارا پەن-تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەت ئىچىدىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ياش مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ۋە پەن-تېخنىكا باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىدە «كىم ھۆددىسىدىن چىقالىسا شۇنىڭغا بېرىش» قاتارلىق مېخانىزملارنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پەن-تېخنىكا ئېتىكىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ياخشى ئۆگىنىش ئىستىلى ۋە ئىستىل تۇرغۇزۇپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنى پۈتۈن زېھنى بىلەن پۇختا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەش كېرەك.

  ئىككىنچى، كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسى. يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىش ۋە ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپتىكى ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا ھالقىلىق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم «توسالغۇ بولۇۋاتقان مەسىلىلەر»نى تېزدىن ھەل قىلىپ، كەسىپ ئەۋزەللىكى ساھەسىدە ئەستايىدىل ئىنچىكە ئىش قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۆزگىچە ماھارەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. كەسىپ ئاساسىنى قايتا سېلىش قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئاساسىي زاپچاس، ئاساسىي ھۈنەر-سەنئەت، ھالقىلىق ئاساسىي ماتېرىيال قاتارلىق ئاساسنى پۇختىلاش كېرەك. يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش، ئەمەلىي يېتەكلەش، ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تېخنىكا بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. كۈچلۈك ئىچكى بازار شەكىللەندۈرۈش يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم تىرىكى بولغان ئىستېمال، پۇل ئامانەت قويۇش، مەبلەغ سېلىشقا مۇۋاپىق يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈنۈملۈك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئىستېمالنى كېڭەيتىشتە ئەڭ ئاساسلىقى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كىرىم تەقسىماتى قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئوتتۇرھال كىرىملىكلەرنى كۆپەيتىش، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىستېمالنى كېڭەيتىشنى خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك. مەمۇرىي خاراكتېرلىك ئىستېمالغا، سېتىۋېلىشقا چەك قويۇشقا دائىر بەزى بەلگىلىمىلەرنى تەرتىپلىك ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ناھىيە، يېزىلارنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىش كېرەك. كەسپىي تېخنىكا مائارىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاممىۋى ئىستېمالىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇپ، مائارىپ، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، يەسلى قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت چىقىمىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سېلىنمىنى كۆپەيتىشنىڭ زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنمىنىڭ تاشقى ئېشىش خاراكتېرى كۈچلۈك بولۇش، ئىجتىمائىي ئۈنۈمى يۇقىرى ساھەلەردىكى يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەبلەغ سېلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. رەقەملىك ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ياسىمىچىلىق ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلاش ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىشكە مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىش كېرەك. شەھەرلەرنى يېڭىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، شەھەر-بازارلاردىكى كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە ماكرولۇق يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىر تۇتاش ياخشى پىلانلاپ، گۈللەنمە كەسىپلەرنى تەكرار قۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش؛ ماكرولۇق ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارا ماكرولۇق سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىك تەرەققىياتى مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىركەتلەرنى ئىدارە قىلىشنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. بازار ئىجازىتىنى كېڭەيتىپ، ئادىل رىقابەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداپ، بىرلىككە كەلگەن زور بازار بەرپا قىلىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش؛ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاپىتال بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك قەرزدىن قېچىش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش؛ ئۈچىنچى تۈۋرۈكلۈك كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش كېلىشىمىگە كىرىشنى پائال ئويلىشىش، دۆلەت ئىچىنىڭ نازارەت ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، خەۋپسىزلىكنى تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارادا ئورتاق يولغا قويۇلۇۋاتقان قائىدىلەرنى قوللىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  بەشىنچى، ئۇرۇقلۇق ۋە تېرىلغۇ يەر مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچى __ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېرىلغۇ يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى پەن-تېخنىكىغا باغلاش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. ئۇرۇقلۇق سۈپىتى بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش، ئۇرۇقلۇق ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىلىم-پەنگە ھۆرمەت قىلىپ، قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، بىيولوگىيەلىك ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈشنى كەسىپلەشتۈرۈشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۇرۇقلۇق مەنبەسىدىكى قىيىن تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇقلۇق كەسپىدە قايتا قەد كۆتۈرۈشكە ئىرادە باغلاش كېرەك. 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى مەھكەم ساقلاپ، تېرىلغۇ يەرنى دېھقانچىلىقتىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىۋېلىشنى قەتئىي توسۇپ، ئاشلىقتىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىگىلىۋېلىنغان تېرىلغۇ يەر بىلەن تولۇقلانغان تېرىلغۇ يەرنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى قېلىپلاشتۇرۇش، دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكى كەسىپ بەلبېغى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشىنى، ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ قارا تۇپراقنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك، مەنبەلىك بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ئالتىنچى، مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە كاپىتالنىڭ تەرتىپسىز كېڭىيىشىنى توسۇش كېرەك. مونوپولۇققا، ناتوغرا رىقابەتلىشىشكە قارشى تۇرۇش __ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى. دۆلەت سۇپا كارخانىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى، خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى ۋە غەيرى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنىڭ تەڭ تەرەققىي قىلىشىنى قوللايدۇ، شۇنداقلا رەقەم قائىدىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرىدۇ. سۇپا كارخانىلىرىنىڭ مونوپوللۇقنى بېكىتىش، سانلىق مەلۇمات توپلاش، ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇنلارنى قېلىپلاشتۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. قائىدە تۈزۈملەرنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مونوپوللۇققا ۋە ناتوغرا رىقابەتلىشىش قىلمىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىش كېرەك.

  يەتتىنچى، چوڭ شەھەرلەردە تۇرالغۇ ئۆي جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. تۇرالغۇ مەسىلىسى خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت-سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك. ئۆينى پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالماي، تۇرۇشقا ئىشلىتىش دېگەن ئېنىقلىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، نۇرغۇن سىياسەتلەرنى تەڭ ئىشلىتىپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇزاق ئىجارىلىك ئۆي سىياسىتىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆي ئىجارە ئالغانلار بىلەن سېتىۋالغانلارنى ئاممىۋىي مۇلازىمەت جەھەتتە باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن قىلىپ، ئۇزاق ئىجارىلىك ئۆي بازىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. يەر تەمىناتىدا ئىجارە ئۆي قۇرۇلۇشىغا ئېتىبار بېرىپ، ئىجارە ئۆيگە كېرەكلىك يەر ھەققىدە ئايرىم پىلان تۈزۈپ، كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يېرى ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ بوش يەرلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىجارە ئۆي سېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش، دۆلەت كارخانىلىرى ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ھەممىسى فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئىجارە ئۆيلەردىن ئېلىنىدىغان باج يۈكىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىجارە بازىرى تەرتىپىنى رەتكە سېلىپ، بازار ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىجارە ھەققى سەۋىيەسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ كونترول قىلىش كېرەك.

  سەككىزىنچى، كاربون قويۇپ بېرىش ئەڭ يۇقىرى پەللە قىممىتىگە يەتكەندىن كېيىن تۆۋەنلىتىش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئېلىمىز 2030-يىلىغىچە كاربون تۆت ئوكسىدى قويۇپ بېرىش يۇقىرى پەللە قىممىتىگە يەتكەندىن كېيىن تۆۋەنلىتىشنى، 2060-يىلىغىچە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ. 2030-يىلىغىچە كاربون قويۇپ بېرىش يۇقىرى پەللە قىممىتىگە يەتكەندىن كېيىن تۆۋەنلىتىش ھەرىكەت لايىھەسىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، شارائىتى بار جايلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن پەللىگە يەتكەندىن كېيىن تۆۋەنلىتىشىگە مەدەت بېرىدۇ. كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تېز تەڭشەپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، كۆمۈر ئىستېمالىنىڭ بالدۇرراق يۇقىرى پەللىگە يېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ھوقۇقى، كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقى سودا بازىرىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ قوش كونترول تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بۇلغۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈزەش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، بۇلغۇمىنى ئازايتىش، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ماس قەدەملىك ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. زور كۆلەملىك دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كاربون قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بىرقانچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئىزچىل، داۋاملىق كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، ئېلىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ، يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، داۋاملىق جاپالىق كۈرەش قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، زور كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى قىلىپ، يۆلەش سىياسىتىنىڭ ئومۇمەن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، تۈرلەر بويىچە تەڭشەپ سەرخىللاشتۇرۇپ، سىياسەت ئۆتكۈنچى مەزگىلىنى تولۇق قالدۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە تۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» ۋە «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ماكرولۇق تەڭشەپ كونترول قىلىش رىتىمى ۋە سالمىقىنى مۇۋاپىق ئىگىلەپ، ماكرولۇق سىياسەتنى توغرا ۋە ئۈنۈملۈك يولغا قويۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى داۋاملىق ئۇرغۇتۇپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئىچى بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىستېمالنى ۋە ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىپ، جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ قاتنىشىشىنى قوللايدىغان مېخانىزم ۋە سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ قوللاپ، خەلق تۇرمۇشى ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى يېتەرسىزلىكنى تۈگىتىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىچە شەھەر-بازارلىشىش ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىسلاھاتى ۋە يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى ئىسلاھ قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش كېرەك. ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ كۆپ يوللۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا ماسلىشىپ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پارتىيەنىڭ ئومۇمىي رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى سىياسىي نەزەر بىلەن كۆزىتىش ۋە تەھلىل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىقتىسادىي خىزمەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. نازارەت قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار ئۆزىنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇتەخەسسىس بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك. ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تولۇقلاشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى كۈچەيتىپ، دەۋرنىڭ يۈزلىنىشىگە ئاڭلىق يېتىشىۋېلىش كېرەك. تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي خەۋپ-خەتەرلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ھەل قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئازايتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، زور ۋە پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈز بېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشتە «تاشقى جەھەتتە كىرىشنىڭ ۋە ئىچكى جەھەتتە قايتىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» خىزمىتىنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ قاتتىق ساقلىنىپ، كەڭ كۆلەمدە سىرتتىن كىرمەسلىك ۋە قايتىلانماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «ئىككى بايرام»لىق بازار تەمىناتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا، قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  يىغىندا پارتىيەدىكى بارلىق يولداشلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، بىر نىيەتتە تەڭ تىرىشىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا چاقىرىلدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركىزىي ھۆكۈمەت باشقۇرىدىغان بىر قىسىم پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلار، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى ئورگىنىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ