مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھېكايىسىنى تىرىشىپ ياخشى سۆزلەش كېرەك

2020.12.14 18:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان مىسلىسىز جاپالىق تارىخىي چوڭ سىناقتا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋۇجۇدىدا نامايان بولغان جۇڭگو كۈچى، جۇڭگو روھى، جۇڭگو ئۈنۈمى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك ماختىشىغا ئېرىشتى. نۆۋەتتە، تاشقى تەشۋىقاتنى ياخشىلاش ۋە كۈچەيتىشتە كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، خەلقئارا ئاممىۋى پىكىر مەيدانىدا ۋاقتىدا سادا چىقىرىپ، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك. جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش ئۈچۈن پاكىتقا، ھېسسىياتقا، قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىپ، تىرىشىپ خەلقئارا جەمئىيەتتە كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش، ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشىش كېرەك.

  ھېكايە سۆزلەش تاشقى تەشۋىقاتتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. نۇرغۇن چاغلاردا، چوڭقۇر قائىدىلەر ئوبرازلىق بايان قىلىش ئارقىلىق، ھېكايە سۆزلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرىدۇ ۋە قايىل قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشتە، ئالدى بىلەن نېمىنى سۆزلەش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، قانداق قىلغاندا سۆزلىمەكچى بولغانلىرىمىز بىلەن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئاڭلىغۇسى بارلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئاڭلىغۇسى بارلىرىنى سۆزلىمەكچى بولغانلىرىمىزغا سىڭدۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھېكايىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى، قارالمىنى تەسىس قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرغاندىلا، ئاندىن جانلىق ھېكايە، جانلىق مىساللار ئارقىلىق ئارقىسىدىكى قائىدىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. بۇ، بىزدىن كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئاممىغا يېقىن، ئاسان تارقىلىدىغان، ھېسسىيات ئورتاقلىقىنى ئاسان قوزغايدىغان قارالمىلارنى تەسىس قىلىپ، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئاپىتى، نۇرغۇن كىشى يۇقۇم سەۋەبىدىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، تېخىمۇ كۆپ كىشى تۈرلۈك ياردەمگە ئېرىشىپ، دۇنيانىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا، جۇڭگو خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، تۈرلۈك بايلىق ۋە كۈچلەرنى ئۈنۈملۈك قوزغاپ، ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغدىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى. بۇ جەرياندا نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايىلەر مەيدانغا كەلدى. بىز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جانلىق ھېكايە ۋە مىساللار ئارقىلىق چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىكنى يەتكۈزۈپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ