مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەمگەك گۈزەل ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ

2020.12.11 18:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  شەرەپ ئەمگەكچىگە مەنسۇپ، بەخت ئەمگەكچىگە مەنسۇپ. مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىدىكى مۇھىم ئورنى ۋە رولىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «جۇڭگو ئارزۇسى، ئەمگەك گۈزەللىكى»نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  ئارزۇ ئۆزلۈكىدىن ئەمەلگە ئاشمايدۇ، بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ. تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ئەمگەككە تايىنىپ ئاز-ئازدىن ھەل قىلىش، گۈزەل ئارزۇنى ئەمگەككە تايىنىپ قەدەممۇقەدەم ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەمگەكچىلەرنى تەقدىرلىشى ۋە تەرىپلىشى، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدە ئەمگەك گۈزەل، ئەمگەك شەرەپ دەيدىغان كەيپىيات − دەل باش چۆكۈرۈپ ئەمەلىي ئىشلەش، پۇختا ئىشلەشتەك ئالىيجاناب پەزىلەتنى نامايان قىلىدۇ. بىزنىڭ بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىز دەل مۇشۇنداق پۇختا، ئاز-ئازدىن ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش، تەرەققىيات مۇھىتى ئېلىپ كەلگەن يېڭى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى يارىتىشتا تېخىمۇ مۇھىمى ئەمەلىي ئىشلەشكە، جاپالىق ئىشلەشكە تايىنىش كېرەك. ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھى بىزنى مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنىمىزغا قويۇپ، خىزمەتنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شەخسنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش غايىسىگە بولغان ئىنتىلىشى، ئائىلىنىڭ بەختىگە بولغان ئۈمىدىنى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىغا ئاڭلىق سىڭدۈرۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ زور قىممەت يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  سوتسىيالىزم ئىشلەشتىن كېلىدۇ، يېڭى دەۋر كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلدى. يېڭى مۇساپە ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنى ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا تىرىشىپ ئىجاد قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى قەدەممۇقەدەم رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا چاقىردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ