مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ نېپال زۇڭتۇڭى باندارى بىلەن ئۆز ئارا خەت ئەۋەتىپ، جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكىنى بىرلىكتە جاكارلىدى

2020.12.09 18:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-دېكابىر نېپال زۇڭتۇڭى باندارى بىلەن ئۆز ئارا خەت ئەۋەتىپ، جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكىنى بىرلىكتە جاكارلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇلتۇر، بىز جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئېگىزلىكىنى بىرلىكتە جاكارلىشى ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان ئىدۇق. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى دۆلەت كوللېكتىپى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، يەر شارىنىڭ ئېگىزلىك ئۆلچىمىگە ئاساسەن جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ قار يۈزى ئېگىزلىكىنى ئاخىرىدا بېكىتتى. بۈگۈن مەن زۇڭتۇڭ باندارى بىلەن، جۇڭگو ۋە نېپالغا ۋاكالىتەن پۈتۈن دۇنياغا جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئېگىزلىكىنىڭ 8848.86 مېتىر ئىكەنلىكىنى رەسمىي جاكارلاشنى خالايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇمۇلاڭما چوققىسى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشىنىڭ مۇھىم سىمۋولى. ئىككى دۆلەت دۇنيادىكى بۇ ئەڭ ئېگىز چوققىنى جۇڭگو-نېپال ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا چوققىسى ۋە «جۇڭگو-نېپال دوستلۇق چوققىسى» قىلىپ بېكىتتى. بۈگۈن ئىككىمىزنىڭ جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئېگىزلىكىنى بىرلىكتە جاكارلىشىمىز − ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان دەۋر ئەھمىيىتىگە ئىگە، شۇنداقلا جۇڭگو-نېپال مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو يەنە نېپال بىلەن بىرلىكتە جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراپ ۋە پەن تەتقىقات ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق قىممەتلىك بايلىقى ۋە يۇرت-ماكانىنى ياخشى قوغداشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن نېپال دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىيدىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈنسايىن كۈچىيىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھىمالايادىن ھالقىغان ئىستېرېئولۇق ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش تورى ئارزۇدىن رېئاللىققا ئايلانماقتا. جۇڭگو بىلەن نېپال ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوست ئۆتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ تېخىمۇ زىچ بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشى كېرەك.

  باندارى خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نېپال بىلەن جۇڭگو ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ بولۇپ كەلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. جۇمۇلاڭما چوققىسى نېپال-جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك سىمۋولى، مەن سىز بىلەن بىرلىكتە جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئەڭ يېڭى قار يۈزى ئېگىزلىكىنىڭ 8848.86 مېتىر ئىكەنلىكىنى جاكارلىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. بۈگۈن ئىككى تەرەپنىڭ جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئېگىزلىكىنى بىرلىكتە جاكارلىشى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  رەئىس شى جىنپىڭ بۇلتۇر نېپالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، جۇڭگو-نېپال مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولدى. ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى زىيارەتتىكى ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈشنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ