مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تىجارەت-سودا مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشتى

2020.12.14 18:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «جۇڭگونىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتى دوكلاتى 2020»نى ئېلان قىلدى، بۇ، دۆلەت تىجارەت-سودا مۇھىتىنى باھالاش ساھەسىدىكى تۇنجى دۆلەت دوكلاتى ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتىنى باھالىشى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىدى، جەمئىي 98 شەھەر تىجارەت-سودا مۇھىتىنى باھالاش ئىسلاھاتى ئەمەلىيىتىگە قاتناشتى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتا ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

  تىجارەت-سودا مۇھىتى − بازار ئىگىلىكىنى يېتىلدۈرىدىغان تۇپراق، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتلىق ئوكسىگېنى، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرغاندىلا، ئاندىن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ھەقىقىي ئازاد قىلىپ، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش تۈزۈم پايدىسى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىپ، بازار سۇبيېكتلىرىغا ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىندى.

  شۇڭا، بىز جەزمەن ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئىسلاھات ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق قوغداپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى سىجىل، ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇشىمىز كېرەك. بىر تەرەپتىن، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ چېگراسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، قانۇنچىللىق كاپالىتى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن-تۈزۈم سىستېمىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ماسلاشتۇرۇش ۋە جىپسىلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، قانۇننىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش رولىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىسلاھات ئارقىلىق تۈزۈلمە-مېخانىزمدىكى كونا ئىللەتلەرنى تۈگىتىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى مۇقىملاشتۇرغاندا، بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ.

  تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش − بىر مەيدان چوڭقۇر تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، بىر تۈرلۈك ئۇللۇق، سىستېمىلىق قۇرۇلۇش، ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى كۈندىلىك خىزمەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، ياخشى تىجارەت-سودا مۇھىتى ئارقىلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشقىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ